باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ تارماق ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تۈرىگە قاتناشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى

2017.08.22 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقى (PPP) ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ يوللۇق، كۆپ مەنبەلىك بازار شەكىللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىقلارنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكىتلىرىنى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى PPP تۈرىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپىتال، بولۇپمۇ ئەل ئارا كاپىتالنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

  بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى ئىجتىمائىي كاپىتالنى باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي كاپىتال بويىچە شەھەر-بازار مەھەللىلىرىدە ئائىلىۋى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تورى ۋە مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بەرپا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ياشانغانلارنى غىزالاندۇرۇش، مەھەللىدە كۈندىلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ياشانغانلار مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ساغلاملىق ئىشلىرىنى پائال بىرلەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى بىلەن داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنى ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، «ساغلاملىق باشقۇرۇشنى ئاساس، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى يادرو، داۋالاش مۇلازىمىتىنى تىرەك قىلىش» تەك پۈتۈن ھايات دەۋرىيلىكىدىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى زەنجىرى بەرپا قىلىشنى قوللاپ، كۈتۈنۈشنى ئاساسىي تېما، كۈتۈنۈش، تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتنى قوشۇمچە قىلغان بىر تۈركۈم «كۈتۈنۈش+» ئۇنىۋېرسال يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يارىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر