باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاتما رەسىم كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلدى

2017.08.22 15:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ‹‹داجۇڭ›› مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› تېمىسىدىكى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسى 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا باشلاندى. بۇ كۆرگەزمىگە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر بايان قىلىنغان 1000 پارچە ئەسەر قاتناشتۇرۇلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹ئىتتىپاق›› يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ئايگۈل مەمەتنىڭ توققۇز ياشلىق ئوغلى ئەزىمەت بىر تەرەپتىن رەسىملەرنى كۆرسە، يەنە بىر تەرەپتىن رەسىم ئاستىغا يېزىلغان ھېكايىلەرنى ئوقۇپ، ئاپىسىدىن توختىماي ئۇنى – بۇنى سورايتتى. ئايگۈل مەمەتمۇ ئوغلىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئېرىنمەي تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. ئەزىمەت كۆرگەزمىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ قالدى، چۈنكى كۆرگەزمىدە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان رەسىملەردىن باشقا، ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدىغان نۇرغۇن تاغا – ھەدىلىرىنىڭ ھېكايىسىمۇ بار ئىدى.

  -بۇ چاتما رەسىملەرنىڭ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنى كەلگۈسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش جەھەتتىكى رولى چوڭ ئىكەن، رەسىملەرنىڭ ئاستىدا ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە چۈشەندۈرۈش سۆزى بولغاچقا، بالىلارنى ناھايىتى قىزىقتۇرىدىكەن، بۇ كۆرگەزمە ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش تەربىيەسى بېرىدىغان ياخشى دەرسلىك بوپتۇ، دېدى ئايگۈل مەمەت.

  كۆرگەزمە زالىدا نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە بۇ مەكتەپنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربان نىيازنىڭ ئىش – ئىزلىرى تەسۋىرلەنگەن چاتما رەسىم ئالدىغا يىغىلىۋالغانىدى، بۇ رەسىمدىكى ئاساسلىق شەخس قۇربان نىيازمۇ كۆرگەزمىنى كۆرگىلى ئالايىتەن ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرى تەسۋىرلەنگەن چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز كىچىكىمىزدىن چاتما رەسىملىك كىتابلارنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇق. كىچىكىمدە رەسىملىك كىتابلاردا كۆرگەن قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى تا ھازىرغىچە قەلب تۆرىمدە ساقلاقلىق. مەن 14 يىل ئىلگىرى يۇرتۇمدا دۆلەت تىلى مەكتىپى قۇرغان. ھازىر بۇ مەكتەپتە 850 ئوقۇغۇچى بار. بۇ قېتىمقى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› تېمىسىدىكى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ مەزمۇنى مول، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پۇرىقى كۈچلۈك، رەسىملەرنىڭ سىزىلىشى رەڭگارەڭ بوپتۇ. بۇ كۆرگەزمىنى كۆرگەن كىشىلەر رەسىمنى كۆرۈش بىلەن بىللە، ھەربىر ھېكايىنى ئېسىدە مەھكەم ساقلايدۇ، مۇشۇ رەسىملەردە تەسۋىرلەنگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھىمايىچىلىرىدىن بولىدۇ، شۇڭا، بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.

  ئۇقۇشىمچە، يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ساھەلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگىلىك شەخسلەر كۈندىن – كۈنگە كۆپەيگەن، ئۇلارنىڭ تەسىرلىك ئىش – ئىزلىرى شىنجاڭدىكى چاتما رەسىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ بىلەن، رەسساملار قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى، ئەڭ گۈزەل يېزا دوختۇرى، ئەڭ گۈزەل يېزا ئوقۇتقۇچىسى، ئەڭ پەزىلەتلىك كەنت كادىرى، ئەڭ گۈزەل ئائىلە قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن نەمۇنىچىلەرنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە چۈشەندۈرۈش يېزىلغان چاتما رەسىم قىلىپ سىزىپ چىققان. بۇ قېتىمقى چاتما رەسىم كۆرگەزمىسى بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگىلىك شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناپلا قالماي، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چاتما رەسىم كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ تۈرتكە بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر