باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېز يوللانما شىركەتلىرى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن ئەۋەتىش–قوبۇل قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى

2017.08.22 15:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تېز يوللانما ئەۋەتىش ۋە قوبۇل قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ سىستېمىدا كىملىكتىكى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تېز يوللانما ئەۋەتىش – قوبۇل قىلىش قولاي بولۇپلا قالماستىن، يەنە شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدىكەن.

  ئۇقۇشىمىزچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەردە ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تېز يوللانما ئەۋەتىش – قوبۇل قىلىش ئۇچۇر سىستېمىسىنى قوللىنىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان بولۇپ، تېز يوللانما كارخانىلىرى دۆلەت پوچتا باش ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەنيى تېز يەتكۈزۈش››ھەقىقىي ئىسىم بىلەن يەتكۈزۈش ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى بىلەن تورلاشتۇرۇلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى بازار نازارەتچىلىك باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ فاڭ مۇنداق دېدى: تېز يوللانما كەسپىدە ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغىلى گەرچە بىر يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇ تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قىسمەن مەسىلىلەر ساقلانغانىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ‹‹ئەنيى تېز يەتكۈزۈش››سىستېمىسىنى ئىشلەتكۈچى ئابۇنىچى بۇ سىستېمىنىڭ APP نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن، كىملىك، ھەيدەش كىنىشكىسى، پاسپورت، نوپۇس دەپتىرى، شياڭگاڭ – ئاۋمېننىڭ يول خېتى ۋە ئوفىتسېرلىق گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئالتە خىل ئۈنۈملۈك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق ھەقىقىي ئىسىم بىلەن پوچتا يوللانمىسىنى يوللىسا بولىدۇ. كېيىنكى قېتىم پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتكەندە، پەقەت يان تېلېفوندىكى سالاھىيەت كودىنى كۆرسەتسىلا، سالاھىيەت ئۇچۇرى تېز تەكشۈرۈلۈپ ئىسپاتلىنىدۇ، كىملىكنى كۆپ قېتىم كۆرسىتىش ئاۋارىچىلىقى ۋە ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ كېتىش خەۋپ – خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر