باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹مەن يۇرتۇمنىڭ ئوبراز ۋەكىلى›› پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە قىياپىتىنى مەملىكەت ئىچىگە تونىتىدۇ

2017.08.22 15:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز تور – ئۇچۇر ئىشخانىسى كۆچمە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تور – ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، ‹‹ۋاڭيى›› خەۋەر تورىنىڭ شىنجاڭ تارماق تور بېكىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹مەن يۇرتۇمنىڭ ئوبراز ۋەكىلى›› پائالىيىتى يېقىندا ئۈرۈمچىدە باشلاندى.

  ئۇقۇشىمچە، ‹‹مەن يۇرتۇمنىڭ ئوبراز ۋەكىلى››پائالىيىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ئائىت يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى نەتىجە، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، جەمئىيەتكە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئىكەن.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، ‹‹ۋاڭيى›› خەۋەر تورى شىنجاڭ تارماق تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ شەكلى، توردىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈش ئۇسۇلى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ھەمدە ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تور تاراتقۇلىرىنىڭ توردىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسنامە››نى ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق تور تاراتقۇلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن – تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىپ، توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، توردىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشقا چاقىردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ‹‹مەن يۇرتۇمنىڭ ئوبراز ۋەكىلى›› پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ تەرەققىياتى، يېڭىچە قىياپىتى، ئۆتمۈشى ۋە ئۆزگىچە تائاملىرى قاتارلىق تۆت ئاساسىي تېما 100 دىن ئارتۇق تور بېكەتتە بىۋاسىتە كۆرسىتىلىش ئارقىلىق، ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ يېڭىچە قىياپىتى مەملىكەت ئىچىدىكى تورداشلارغا ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر