باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم يوپۇرمىقى ياۋروپالىقلارنىڭ ئېسىل يېمەكلىكىگە ئايلاندى

2017.08.22 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى بۇيلۇق ساياھەت رايونىدىكى دېھقان ئادىل ئىبراھىم بۇ يىل ئۈزۈملىرى پىشماي تۇرۇپلا، ئۈزۈم يوپۇرمىقىدىن ئوبدان كىرىم قىلدى. ئۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر مو يەردىكى ئۈزۈم يوپۇرمىقىدىن 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، تۇرمۇشىنى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىدى. ئۈزۈم يىلدا بىر قېتىم ھوسۇل بەرگەچكە، ئۈزۈمچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارنىڭ قولى يىلدا بىرلا قېتىم پۇل كۆرەتتى، ھازىر شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم يوپۇرمىقى ياۋروپالىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىۋېدى، دېھقانلار ئۈزۈم يوپۇرمىقىدىن يىلدا نەچچە قېتىم كىرىم قىلالايدىغان بولدى.

  ئىلگىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئابدۇۋەلى بارى 2008 – يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە توردىن گىرېتسىيەلىك بىر سودىگەرنىڭ ئۈزۈم يوپۇرمىقى ئىزدەۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ قالدى، كېيىن ئۇ بۇ سودىگەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى تۇرپانغا تەكلىپ قىلىپ، بۇيلۇقتىكى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرىنى كۆرسەتتى. تۇرپاننىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ياز پەسلىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرا 90 كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئۆسۈملۈك ئىچىدىكى باكتېرىيە ۋە زىيانلىق ماددىلار يوقىلىدۇ، بۇ دەل تۇرپاندىكى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى، بۇ ئالاھىدىلىك گىرېتسىيەلىك سودىگەرنىڭ دېگەن يېرىدىن چىققاچقا، ئۇ ئابدۇۋەلى بارى بىلەن تېزلا توختاملاشتى. ئابدۇۋەلى بارى گىرېتسىيەلىك سودىگەر بىلەن توختاملاشقاندىن كېيىن، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئۈزۈمچىلىك يېزىسى بوستان كەنتىدە شىنجاڭ ‹‹ئالتۇن يوپۇرماق›› يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى تۇرپاندا تۇز سۈيىگە چىلىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىدە پىششىقلىنىپ گىرېتسىيەگە ماڭدۇرۇلدى. تۇرپان دېھقانلىرى ئىلگىرى باراڭغا ئۈزۈم چۈشكەندىن باشلاپ، ئۈزۈمگە كۈن نۇرىنىڭ تولۇق چۈشۈشى ئۈچۈن، يوپۇرماقلارنى پۇتاپ چارۋا ماللارغا بېرەتتى، نۇرغۇن يوپۇرماق ئەخلەت ئورنىدا ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى. ئەمدى دېھقانلار ئۈزۈم يوپۇرمىقىنى ئابدۇۋەلى بارىنىڭ شىركىتىگە ئۆتكۈزىدىغان بولدى. ئابدۇۋەلى بارى شىنجاڭ ‹‹ئالتۇن يوپۇرماق›› يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ شىركىتى ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2014 – يىلى 12 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ خوتەندە تارماق شىركەتتىن ئىككىنى قۇرۇپ، شىركەتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى. تۇرپاندىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا ھازىر 300 ئىشچى ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇلار يىلىغا 8000 توننا ئۈزۈم يوپۇرمىقىنى پىششىقلايدۇ. خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسىدىكى تارماق شىركەتتە 50 ئىشچى بولۇپ، ئۇلار يىلىغا 1000 توننا ئۈزۈم يوپۇرمىقى پىششىقلايدۇ، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبە بازار بازىرىدىكى تارماق شىركەتتە 60 ئىشچى بولۇپ، ئۇلار يىلىغا 2000 توننا ئۈزۈم يوپۇرمىقى پىششىقلايدۇ.

  ئابدۇۋەلى بارى مۇنداق دېدى: ھازىر ھەر كىلوگىرام ئۈزۈم يوپۇرمىقىنى دېھقانلاردىن 5 يۈەندىن يىغىۋاتىمىز. ئۈزۈم يوپۇرمىقىنى تۇزلۇق سۇغا چىلاپ پىششىقلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئالدىن تەييارلانغان گۈرۈچ تامىقىنى ئوراپ يېسە، تەمى باشقىچە يېيىشلىك بولىدىكەن، بۇ گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقى ئىكەن. ھازىر مەھسۇلاتلىرىمىز بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالمايۋاتىدۇ، تۇرپاندىكى شىركەتتە ئىشچىلار ئۈچ ئىسمېنا بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر نەچچە ناھىيەدە تارماق شىركەت قۇرۇپ، ئۈزۈمچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر