باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى فىلوتى يەر شارى مىقياسىدا ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختاتتى

2017.08.22 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جون رىچاردسون تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىڭ باشقا پاراخوتلارغا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ ھەمدە تىنچ ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىكى 7-فىلوتىنىڭ ھەرىكەت قىلىش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ.

  رىچاردسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ توغرا تەدبىر قوللىنىپ، ھەرىكىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈملۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەن يەر شارى مىقياسىدىكى بارلىق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردۈم. ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يەر شارى مىقياسىدىكى ھەرىكىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش بىر كۈن داۋاملىشىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر