باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلىدى

2017.08.22 15:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئاناتولى ئانتونوۋنى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق كۆزەتكۈچىلىكىگە تەيىنلىدى.

  شۇ كۈنى پۇتىن يەنە بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئانتونوۋنى مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى، سېرگىي كېسىلياكنى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋە ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق كۆزەتكۈچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى.

  ئانتونوۋ 1955-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا ئىشلىگەن. ئۇ 2011-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىققا مەسئۇل بولغان. 2016-يىلى دېكابىردا ئۇ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىققا تەيىنلىنىپ، قايتىدىن دىپلوماتىيە سىستېمىسىغا قايتىپ كەلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر