باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە: ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشكە چەك قويۇلمايدۇ

2017.08.22 15:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە ئامېرىكا پۈتۈن رۇسىيە تەۋەسىدە كۆچمەنلەردىن باشقا كىشىلەرگە ۋىزا بېرىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان بولسىمۇ، رۇسىيە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيە ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلىشىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىر قوللانمايدۇ.

  شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: خىزمەتچى خادىملىرىمىز ئاز بولغانلىقتىن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى 23-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن رۇسىيە تەۋەسىدە كۆچمەنلەردىن باشقا كىشىلەرگە ۋىزا بېرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، 1-سېنتەبىردىن ئېتىبارەن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدىكى ئەلچىخانىسى كۆچمەنلەردىن باشقا كىشىلەرگە ۋىزا بېرىش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئۈچ كونسۇلخانا كۆچمەنلەردىن باشقا كىشىلەرگە ۋىزا بېرىشنى مۆھلەتسىز ۋاقتىنچە توختىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر