باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ: ئېنېرگىيە تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش كۆرگەزمىسى 9- ئايدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.08.22 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2017-يىللىق شىنجاڭ ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش كۆرگەزمىسى ۋە يىپەك يولى يېڭى ئېنېرگىيە سودا يەرمەنكىسى»نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 9- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش كۆرگەزمىسى ۋە يىپەك يولى يېڭى ئېنېرگىيە سودا يەرمەنكىسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى مۇھىت ئاسراش يەرمەنكىسىدە «ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراشنى تەشەببۇس قىلىش، يېشىل تەرەققىياتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمە ۋە مۇنبەردىن ئىبارەت كۆرگەزمە ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش-ياساش سودىگەرلىرى، تېخنىكا تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر، ئەسلىھە تور تىجارىتى سودىگەرلىرى ۋە قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرلەر ئۈچۈن، كۆرگەزمە قىلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش كەسپىي جەمئىيىتى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ما يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش كەسپىي ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىشىچە، 2015 ـ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 30 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، ئۈرۈمچى شەھىرى يادرولۇقىدىكى پۈتۈن شىنجاڭنى رادىياتسىيە قىلغان، ئاتموسفېرا ۋە سۇنىڭ قاتتىق كېرەكسىزلەر بىلەن بۇلغىنىشىنى تۈزەش كەسپى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەنگەن.

  بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتنىشىش دائىرىسى ئاساسلىقى سانائەت ئېنېرگىيە تېجەش تۈرى، بىناكارلىق ئېنېرگىيە تېجەش تۈرى، ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە تېجەش مۇلازىمەت ساھەسى، يېشىل تۇرمۇش ئېنېرگىيە تېجەش ساھەسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر ساھەسى، يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسى ۋە ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر