باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بوزدۆڭدىكى «بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر» چەۋەندازلار

2017.08.22 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، ئەركىن سىدىق خەۋىرى) ئونسۇ ناھىيە بازىرىدىن شىمالغا 100 نەچچە كىلومېتىر ماڭسىڭىز، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا «تۆمۈر چوققىسى» دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا بارىسىز. تاغ باغرىدىكى بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسىدا نامى يىراق- يېقىنغا تارالغان «تەڭرىتاغ قار بۈركۈتى» ئاتلىق تەشۋىقاتچىلار ئەترىتى بار.

  مەن 2017-يىل 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بوزدۆڭ يېزىسىغا بارغىنىمدا، ئاتلىق تەشۋىقاتچىلار ئەترىتىنىڭ مەشىق كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى. چەۋەندازلار ھېلى قامچىلىرىنى ئوينىتىپ ئاتلىرىنى چاپتۇرسا، ھېلى ئاتلىرىنى ياتقۇزۇپ دالدىلىنىشنى مەشىق قىلاتتى، ھېلى ئات ئۈستىدە تىك تۇرۇپ ماھارەت كۆرسىتەتتى...

  ئەترەت ئەزالىرىنى ئاتلىق پادىچىلار ئوخشايدۇ، دەپ قالماڭلار، ئۇلار «بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر» تەشۋىقاتچىلار، دېدى بوزدۆڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئادىل خالىق، ئۇلار تاغ-داۋان ئېشىپ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرى، قانۇن-نىزاملارنى تاغنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى چارۋىچىلارغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار چېگرا قوغدىغۇچىلار، خالىس ئوت مۇداپىئە خادىملىرى. بۇ ئاتلىق ئەترەت ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ تەشۋىقات قىلىدىغان، چېگرا چارلايدىغان، ھالقىلىق پەيتلەردە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئاۋانگارتلار!

  تەشۋىقات ئەترىتى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ئاتلىق تاماملايدىغانلار

  ئۈچ تەرىپىنى تاغ ئوراپ تۇرغان بوزدۆڭ يېزىسىدا ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قاتناشنىڭ قولايسىز بولۇشى، رادىيو-تېلېۋىزىيەنىڭ ئومۇملاشماسلىقى، شۇنداقلا چارۋىچىلارنىڭ پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن كۆچۈپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن، چارۋىچىلار سىرتتىكى ئۆزگىرىشلەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولالمايتتى.

  ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بوزدۆڭ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»دىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، 2015-يىلى 9-ئايدا قاتلاممۇ قاتلام تاللاش ئارقىلىق، 130 چارۋىچىدىن تەشكىللەنگەن ئاتلىق تەشۋىقاتچىلار ئەترىتى قۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرى ۋە سادالىرىنىڭ ھەممە چارۋىچى ئائىلىسىگە يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  34 ياشلىق ئابلىمىت ئابدۇكېرىم ئاتلىق تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، ئۇ ماڭا «28» - نومۇرلۇق ئېتىغا ئارتىۋالغان خۇرجۇننى كۆرسەتتى، خۇرجۇندا تۈرلۈك تەشۋىقات قوللانمىلىرى، دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا ۋە جىددىي قۇتقۇزۇشقا كېرەكلىك بۇيۇملار بار ئىدى.

  ھەر ئايدا كەنتلەرنى ئارىلاپ تەشۋىقات قىلىمىز، ھەر قېتىم ماڭغاندا مۇشۇلارنى تولۇق ئېلىۋالىمىز، دېدى ئابلىمىت ئابدۇكېرىم، سىياسەت، قانۇن-نىزاملارنى ئۆزىمىز تولۇق چۈشەنسەك، ئاندىن چارۋىچىلارغا ئوبدان سۆزلەپ بېرەلەيمىز، شۇڭا يېزا، چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسى بىزنى قەرەللىك تەربىيەلەپ تۇرىدۇ.

  ئاتلىق تەشۋىقاتچىلاردىن يېڭى ئۇچۇرلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بېقىۋاتقان قويۇمنىڭ نەسلىنى ياخشىلىدىم ۋە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتىم، بۇنىڭ بىلەن كىرىمىم بىراقلا كۆپەيدى، دېدى ئۆستەڭبويى كەنتىدىكى قۇربان مۇھەممەت.

  كەنت بىلەن كەنتنىڭ ئارىلىقى يىراق، چارۋىچىلار مال باقىدىغان ئورۇنلار تارقاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە جايدا ئادەم زاتى بولمىغاچقا، ئاتلىق تەشۋىقاتچىلار بەزىدە ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرە ۋە تاغ تېكىسى، جەرەن قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ئۇچرىتىپ قالىدىكەن.

  مەن بىر قېتىم مۇداپىئە سىم تورىغا قاپسىلىپ قالغان تاغ تېكىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇنىڭ قاپسىلىپ قالغىنىغا ئىككى كۈنچە بولغانىدى، ئاچلىقتىن بىقىنلىرى كىرىپ كېتىپتۇ، دېدى ئابلىمىت ئابدۇكېرىم.

  ئابلىمىت ئابدۇكېرىم 2015-يىلى 9-ئايدا تۆت ھەمراھى بىلەن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشقان جايغا تەشۋىقاتقا باردى، ئۇلار بىر تاشلاندۇق قوتاننىڭ يېنىغا كەلگەندە، بىر توپ بۆرىگە يولۇقۇپ قالدى.

  بەش-ئالتە بۆرىغۇ دەيمەن، ھەممىسى ئېچىرقاپ كەتكەن ئىكەن، بەزىلىرى بىزگە تىكىلىپ قاراپ تۇردى، بەزىلىرى ئەتراپىمىزنى ئايلاندى، دېدى ئابلىمىت ئابدۇكېرىم، ئۆزىمىزنى زورىغا بېسىۋېلىپ، ئۇلاردىن كۆزىمىزنى ئۈزمەي قاراپ تۇردۇق، يېنىمىزدا ئېلىپ يۈرىدىغان كالتەكنى پۇلاڭلىتىپ، بار ئاۋازىمىز بىلەن ھەيۋە قىلىپ ۋارقىراپ ئۇلارنى قاچۇرۇۋەتتۇق.

  ئابلىمىت ئابدۇكېرىم ۋە ئاتلىق تەشۋىقاتچىلار ھازىر بوزدۆڭ يېزىسىنىڭ 2000 كىۋادرات كىلومېتىرلىق تاغ رايونىدىكى 100 دىن كۆپرەك چارۋىچىلىق نۇقتىسىنى ئارىلاپ، دالىدا يېتىپ-قوپۇپ، تۇمۇز ئىسسىق، قار-بوراندىن قورقماي، ئۇچۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى كۆۋرۈككە ئايلاندى.

  چەۋەندازلار ئەترىتى كۆزى ئۆتكۈر قوغدىغۇچىلار

  بۇ ئەترەتنىڭ «تەڭرىتاغ قار بۈركۈتى» ئاتلىق تەشۋىقاتچىلار، دېگەن نامىدىن سىرت، «تەڭرىتاغ قار بۈركۈتى» چەۋەندازلىرى دېگەن نامىمۇ بار.

  «ئاتتىن چۈشۈڭلار!»، «ئاتنى ياتقۇزۇڭلار!». ھەر دائىم ھەربىي مەشىق كىيىمى كىيىپ يۈرىدىغان چەۋەندازلار ئەترىتىنىڭ 57 ياشلىق باشلىقى داۋۇت ساۋۇتنىڭ بۇيرۇق بەرگەن ئاۋازى تولىمۇ ياڭراق ئىدى.

  داۋۇت ساۋۇت يەتتە يېشىدىن باشلاپ ئات مىنگەن ۋە 16 يېشىدا خەلق ئەسكىرى بولۇپ تاغ چارلاپ چېگرا قوغدىغانىدى. ئۇ كىچىكىدىن ئات مىنىشكە ماھىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن ساپاسى ياخشى بولغاچقا، خەلق ئەسكىرى بولۇپ ئۈچ يىلدىن كېيىن خەلق ئەسكەرلىرى چەۋەندازلار ليەنىدە خەۋەرچى بولدى.

  بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان، دېھقان-چارۋىچىلار ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چېگرا يېزىسى، يېزا بويىچە 7000 دىن كۆپرەك دېھقان-چارۋىچى بار، ھەممە ئۆيدىكىلەر ئات مىنىدۇ، دېدى داۋۇت ساۋۇت، تاغ يولى خەتەرلىك، ئاتلىق مېڭىش ئەڭ قولاي.

  پىشقان چەۋەندازلىق ماھارىتى ئەترەت ئەزالىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر ساپا، بۇنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چەۋەندازلار ئەترىتى ھەر ئايدا بەش كۈن مەركەزلىك مەشىق قىلىدۇ، چەۋەندازلىق ۋە ئات ئۈستىدىكى ماھارەت ئۇلار ئۆگىنىدىغان ئاساسلىق مەزمۇن بولىدۇ.

  داۋۇت ساۋۇتنىڭ ئېيتىشىچە، ئەترەت ئەزالىرى چارلاش جەريانىدا گۇمانلىق ئاياغ ئىزلىرىنى بايقاپمۇ قالىدىكەن، ئەترەتتىكى بەزى چوڭ ياشلىقلار گۇمانلىق ئاياغ ئىزلىرىنىڭ ۋاقتىنى، ھەتتا ئاياغ ئىزى قالدۇرغان كىشىنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىنى بىلەلەيدىكەن.

  ئەترەت ئەزاسى ئادىل تۇنىياز 2016-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى بىر قانچەيلەننى باشلاپ تۆمۈر چوققىسى ئەتراپىغا چارلاشقا باردى. ئۇلار يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتكە 50 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى تاشلاندۇق قوتاندىن ئۆتكەندە، گۇمانلىق ئاياغ ئىزىنى بايقاپ قالدى. ئادىل تۇنىياز قالغانلارنى ئەتراپنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى قوتان يېنىدىكى ئۆيگە كىردى.

  بىز 200 نان، 20 كىلوگىرام ئەتراپىدا كۆكتات، يەنە گۈرجەك، جوتۇ قاتارلىقلارنى بايقىدۇق، بۇ يەر قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يوشۇرۇنغان جاي بولۇپ قالمىسۇن يەنە، دېگەنلەرنى خىيال قىلدۇق، دېدى ئادىل تۇنىياز.

  ئۇلار ئەتراپتىكى چارۋىچىلاردىن ئەھۋال ئىگىلەپ، بۇ نەرسىلەرنى شۇ جايدىكى بىر تاشلاندۇق كۆمۈركانغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلەر قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن خاتىرجەم بولدى.

  ئۇلار ئوڭ-سول قانىتىمىز، دېدى بوزدۆڭ چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەبەيدۇللا رەھمىتۇللا، بۇ چەۋەندازلار ئەترىتى مۇنتىزىم مەشىقتىن كېيىن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچكە ئايلاندى. ئۇلار چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە چارلايدۇ، مەشىق قىلىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، چېگرادىكى ئاپتوموبىل بارالمايدىغان رايونلارنى ئاتلىق چارلايدۇ، چېگرادىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرەلەيدۇ.

  بوزدۆڭلۈكلەر چەۋەندازلار ئەترىتىگە ئەزا بولۇشنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ، دېدى ئادىل خالىق، چەۋەندازلارنى تاللاشنىڭ شەرتى قاتتىق، ئۇلار تاغ يولىغا پىششىق بولۇشى، تاغلىق يولدا يۈرەلىشى، ئات مىنىش ماھارىتىگە ماھىر بولۇشى كېرەك، سالامەتلىكى ياخشى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى، قانۇن- نىزاملارنى بىلىشى، سۆزلىيەلىشى كېرەك. شەرت قاتتىق بولسىمۇ، چارۋىچىلارنىڭ تىزىملىتىش قىزغىنلىقى يۇقىرى.

  خالىس ئوت مۇداپىئە ئەترىتى

  بوزدۆڭ قىرغىز مىللىي يېزىسىدا چاتقاللىق، ئورمانلىق كۆپ، كۆپىنچە كەنتلەر چەت، يىراق جايدا، يولى ناچار، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئېڭى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھىيە بازىرىغا يىراق بولغاچقا، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ قالسا چاتاق چىقىدۇ، دېدى ئادىل خالىق، شۇڭا بۇ ئەترەتتىكىلەر يېزىمىزنىڭ خالىس ئوت مۇداپىئە خادىملىرى.

  2015-يىلى 5-ئاينىڭ بىر كۈنى، ئاقبۇلاق كەنتىدىكى ئورمانلىققا ئوت كەتتى، كەنتتىكىلەر چېلەكتە سۇ توشۇپ، گۈرجەك بىلەن توپا تاشلاپ، ئىككى سائەت «جەڭ» قىلىپ ئوتنى ئۆچۈرۈۋالدى، ئەمما يەنىلا 50 مېتىر ئورمان كۆيۈپ كېتىپ، 20 مىڭ يۈەن زىيان بولدى. تەكشۈرۈشتە بۇ ئوتنىڭ تاماكا قالدۇقىنى قالايمىقان تاشلاشتىن تۇتاشقانلىقى مەلۇم بولدى.

  ئەترەتتىكىلەر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار يەرلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەندىن سىرت، دېھقان-چارۋىچىلارغا مەش يېنىغا ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرنى قويماسلىق، قۇرۇق ئوت-چۆپنى ياخشى ساقلاش، بورانلىق كۈنلەردە سىرتتا ئوت ياقماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيە بېرىپ تۇرىدۇ ھەم ھەپتىدە بىر قېتىم ئوت مۇداپىئە ماھارىتى مەشىقى قىلىدۇ.

  ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازىنى ئاڭلىساملا، ئاتلىق تەشۋىقاتچىلارنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىمەن، دېدى ئۆستەڭبويى كەنتىدىكى چارۋىچى مىجىت، ئۇلار ئايدا بىر نەچچە قېتىم كېلىدۇ، ئۇلاردىن ئوت مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار نۇرغۇن بىلىمنى بىلىۋالدىم.

  شەپەق قىزارغان چاغ، ئۆيلەرنىڭ مورىسىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئىس شامالدا تاراپ كېتەتتى، بىر قانچە دېھقان موتوسىكلىتىنى مىنىپ، توزان ئىچىدە يىراقلاپ كەتتى، چەۋەندازلارمۇ بىر كۈنلۈك مەشىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. قارلىق چوققا، تاغ باغرىدىكى كەڭ كەتكەن ئوتلاق، مۇز تۇتقان ئېقىن، ئاق كۆڭۈل دېھقان-چارۋىچىلار، باتۇر چەۋەندازلار... بۇلار كىشىگە خاتىرجەملىك، ئىناقلىق ئەكس ئەتكەن گۈزەل سۈرەتنى ئەسلىتەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر