سۈرەتتە: كورلا شەھىرى تەڭرىتاغ كوچا باشقارمىسى شىمالىي مەھەللىسىدىكى خادىملار ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى بەرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) 21-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، كورلا شەھىرى تەڭرىتاغ كوچا باشقارمىسى شىمالىي مەھەللىسى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، توغرىسىدا ئىلمىي سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەت داۋامىدا كىچىك دوستلار مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىمقى بىخەتەرلىك تەربىيە پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇشنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارە-تەدبىرلىرىنى ئۆگىنىۋالدۇق.
پائالىيەتكە، كورلا شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ، شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ، شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ، يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ، چاراباغ يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپتىن بولۇپ 50 ئۆسمۈر قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى