باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇغا ناھىيەسىدىن 2700 دىن ئارتۇق كىشى شىمالىي شىنجاڭدىكى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتى

2017.08.22 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى) يوپۇغا ناھىيەسى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان يوپۇغا بازىرى ۋە ئاچچىق، سىيەك يېزىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى كارخانىلارغا ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ جايلاردىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تىزىملاتقان 130دىن ئارتۇق كىشى شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرى ۋە قورغاس ناھىيەسىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يولغا سېلىندى.

  يوپۇغا ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى، يېزا، كەنت كادىرلىرىنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇلدىكى ئىلھاملاندۇرۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، كىشىلەر ھەر خىل ھۈنەر-كەسىپ تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ ياكى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ ناھىيەنىڭ سىيەك يېزىسى يۇقىرى سىيەك كەنتىدىن مەريەمگۈل ئايۇپ پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تىزىملاتقان ئەمگەكچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يولغا چىقىش ئالدىدا مۇنداق دېدى: مەن يېزا ۋە ناھىيەدىكى كەسپىي ماھارەت كۇرسىدا تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى خېلى پىششىق ئۆگەنگەن، ئەمما بىرەر تىككۈچىلىك زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم. بۇ قېتىم يېزا، كەنت كادىرلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن قورغاس كىيىم-كېچەك زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەشكە تەييارلاندىم. مەن كارخانىغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەتتىن مىننەتدار بولۇش چىن ھېسسىياتىم بىلەن قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىمەن. شۇنداقلا ئىش ئورنۇمنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئىشلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشۇمدا يېڭىچە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىمەن.

  يوپۇغا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شەھەر، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نامرات ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش بىلەن بىللە، ئۇلارنى تۈرلۈك ھۈنەر-كەسىپ، تېخنىكا ماھارىتى بىلىملىرى ۋە قانۇن، سىياسەت، مەدەنىيەت، خەنزۇ تىلى، ئىش ئورنى بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىدى ھەم كارخانىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، يوپۇغا ناھىيەسى بۇ يىل شەھەر، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە ۋە نامرات ئائىلىلەردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى ئاساس قىلغان 5000 كىشىنى شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى ياسىمىچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك ساھەسىدىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، 8-ئاينىڭ 20-كۈنىگە قەدەر 2700دىن ئارتۇق كىشىنى مۇقىم ئىش ئورنى كاپالىتىگە ئىگە قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر