باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈچ دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ يولداش ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

2017.08.22 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ناھىيە تەۋەسىدىكى ئۈچ دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى تەشكىللەپ، يولداش ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە ئۈچ دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ھەيۋەتلىك قەسەم بەردى ھەمدە بەس-بەستە ئاكتىپلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى چەكلەپ، بايرىقى روشەن ھالدا «ئىككى يۈزلىمىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»لەر بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئەتراپتىكىلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، بارلىق دۈشمەن كۈچلەرگە كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىپ، گۈزەل يۇرت-ماكاننى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى مىجىت مامۇت مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قاينام-تاشقىنلىق مۇساپىسىدە مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم. بۇ كاتتا شان-شەرەپنى پارتىيە، ھۆكۈمەت ماڭا بەردى. مەن ئالدى بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە، «ئىككى يۈزلىمىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.

  مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى ئارزۇگۈل ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: مەن پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئەتراپلىق تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە پوچتا سىستېمىسىدىن چىققان مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى. مەن ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىمنى بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىمەن. مەن نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، غەلىبە قىلمىغۇچە ھەرگىز چېكىنمەيمەن.

  ئۈچ دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى ئەسلىشىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىگە، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشنى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن قىلغانلىقىغا چىن دىلىدىن چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈرۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر