باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ 2017- يىللىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشتى

2017.08.23 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا،پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ 2017- يىللىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشتى، 11 مىڭ 600 نەپەر ياش ئوقۇغۇچى، 4800 نەپەر ئوفىتسېر ئەسكەر ئوقۇغۇچى، 13 مىڭ 500 نەپەرھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىندى.

  بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بولسا، ئارمىيەدە يېڭى مەكتەپلەر سىستېمىسى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىللەپ ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىنى ئېنىقلاپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ۋە ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىندى. پۈتۈن ئارمىيە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئارمىيە ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مەنبە سۈپىتىنى قاتتىق تۇتۇپ، يېڭىچە سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى ۋە چارىسىنى بىر تۇتاش يولغا قويۇپ، ئاشكارا ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك چارلاش ۋە نازارەت قىلىشىنى تەشكىللەپ، خادىملارنىڭ تېخنىكىلىق بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش ۋە كونترول قىلىشىنى كۈچەيتكەن. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە 50 مىڭ نەپەردىن كۆپ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا ۋە ئارزۇ تولدۇرۇپ قوبۇل قىلىشىغا قاتناشقان، 10 گۇرۇپپا ئىمتىھان رايونىدىكى 126 ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ 1461 ئىمتىھان مەيدانىدا ئارمىيەدىكى 52 مىڭ نەپەر ئەسكەر ئوقۇغۇچى ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان.

  بىرلەشمە گۇرۇپپىسى ئىمتىھانىنىڭ ۋە ئارمىيە بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھاننىڭ قەغىزىنى تەكشۈرۈش تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ، بۇ يىللىق ئەسكەرلىككە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەسكەرلىككە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئاشكارا، ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باھالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلقى ئىمتىھان ئېلىشتا ھەرقايسى تارقاق گۇرۇپپىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تۇرۇشلۇق رايون بويىچە يېقىنقى ئىمتىھان مەيدانىدا ئىمتىھان بېرىشكە تەڭشىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز بولغان ئورۇنلاردا ئايرىم ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنمايدۇ. ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، توردىكى باھالاش سىستېمىسىغا تايىنىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ قەغەز تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ، نەتىجىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر