باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2017.08.23 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، مەملىكەت بويىچە ئەرزىيەت سىستېمىسىدا مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى تەلەپ بويىچە ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. 2016 ـ يىلى مەملىكەت بويىچە ئەرزىيەتنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 2013 ـ يىلىدىكىدىن %25.3 ئازايدى.

  دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ ئېنشى مۇنداق دېدى: جايلار ۋە تارماقلار ۋاقتىدا شۇ جايدا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، «ئامما قانۇن بويىچە شۇ جايدا ھال ئېتىش، تارماقلار قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە دەرىجىمۇ-دەرىجە زىيارەت قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇندىن باشقا، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى بىرلىشىپ، «ئادۋوكاتلارنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا پىكىر»نى تارقاتتى. نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، شۇنىڭدەك 2700دىن ئارتۇق شەھەر ۋە ناھىيەلەردە ئادۋوكاتلارنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۇ شياۋچىن مۇنداق دېدى: تۇنجى ھال ئېيتىپ كەلەنلەرنى ئالدى بىلەن قوبۇل قىلىش ۋە ئىشىنى بېجىرىش جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا ئەرز قىلىشنىڭ ۋە ھەل قىلىشنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە مەسىلىلەرنى ھەر تەرەپلىمە ھەل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر