باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەكلىك-دورا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش چارىسى ئېلان قىلىندى

ھەر بىر دېلوغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 500 مىڭ يۈەن

2017.08.23 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 22-ئاۋغۇست دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا يېڭىدىن تۈزۈتىلگەن يېمەكلىك-دورا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش چارىسى» دە يېمەكلىك-دورا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش سوممىسىنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خامچوتىغا كىرگۈزۈش، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.

  «چارە» دە مۇنۇلارنى ئېنىق بەلگىلەنگەن: ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى جامائەتچىلىك پاش قىلغىنى ئۆزىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرىدىغان يېمەكلىك (يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، دورا، داۋالاش ئەسۋابلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت قىلمىشى ياكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچلىرى بولسا، تەكشۈرۈپ راستلىقى ئېنىقلانغان ھەم دېلو تۇرغۇزۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، مۇناسىپ ماددىي مۇكاپات بېرىشى كېرەك.

  پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشتا، بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئۈچ شەرت ھازىرلىنىشى كېرەككەن: پاش قىلىنىش ئوبيېكتى ۋە كونكرېت قانۇنغا خىلاپ پاكىتى ياكى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت يىپ ئۇچى بولۇشى؛ پاش قىلىش مەزمۇنىنى ئىلگىرى يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىگىلىمىگەن بولۇشى؛ پاش قىلىنغان ئەھۋالنى يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، راستلىقىنى ئېنىقلاپ مەمۇرىي جازا كۆرگەنلىكى ياكى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ جىنايى جازا ھۆكۈمى چىقىرىشىغا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بولۇشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دېلوغا چېتىلغان مال قىممىتى، پۇل سوممىسى ياكى جەرىمانە سوممىسى، مۇسادىرە سوممىسى، مۇكاپاتلاش دەرىجىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، مۇكاپات سوممىسىنى ئۇنىۋېرسال ھېسابلاپ چىقىشى، ھەر بىر دېلونىڭ مۇكاپات سوممىسى پىرىنسىپ جەھەتتىن 500 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر