باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئائىلىدە كۆڭلى تېخىمۇ تىنماق، سەپەرگە چىققاندا تېخىمۇ خاتىرجەم بولماق، تۇرمۇشتا تېخىمۇ ئازادە ئۆتمەك

تېنچ-ئامان جۇڭگو، كىشىنى قەلبىنى ئىللىتىدىغان دۆلەت كىملىكى (دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش . جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل)

2017.08.23 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «جۇڭگونىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئاپىرىن!» يېقىندا، «جۇڭگو زادى قانچىلىق بىخەتەر؟» دېگەن بەس-مۇنازىرە ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، نۇرغۇن چەت ئەللىك كىشى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئامانلىق مۇھىتى ئۈچۈن باش مالتاقنى چىقىرىشىپ: «جۇڭگودا ئىشلەش ۋە ياشاش داۋامىدا، كىشى ناھايىتى خاتىرجەملىك ۋە ئازادىلىك ھېس قىلىدۇ»، دەپ ماختىشىپ كەتتى.

  مۇقىملىق تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشىدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك دۆلەت خەۋپسىزلىك خىزمىتى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ قويۇپ: «سىياسىي، ئىقتىسادىي، دۆلەت زىمىنى، ئىجتىمائىي، ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتتىكى بىخەتەرلىك خىزمىتىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇش كېرەك»، دېدى. مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىك قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈردى.

  ئۆتكۈر شەمشەرنى دادىل چىقىرىپ، قانۇنغا خىلاپ ھەر خىل جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردى.

  قانۇنغا خىلاپ شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشلىرى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، «پۇل مۇئامىلىدە ئۆزئارا ياردەم بېرىش»، «شەپقەت يەتكۈزۈش خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى»، «مەۋھۈم پۇل» قاتارلىق رەڭگارەڭ ئالدامچىلىق توزاقلىرىنى تارمار قىلدى. يېقىندا، جاڭ تيەنمىڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاتالمىش «نامراتلارغا ياردەم بېرىپ يوقسۇللارنى قۇتقۇزۇش، تەڭ باي بولۇپ بىللە ياشاش»نىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يەنە بىر قېتىم ئاممىنى مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شاخلىتىپ سېتىشقا ئاڭلىق قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

  جىنايەتكە قانۇن بويىچە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت بۇ قولنى ھەرقانداق چاغدا يۇمشىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئامما قانداق جىنايەتكە ئەڭ ئۆچ بولسا، شۇنىڭغا قاتتىق زەربە بەردى؛ ئامما قانداق ئامانلىق مەسىلىلىرىنىڭ گەۋدىلىك بولىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇ مەسىلىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزىدى. ئىقتىسادىي ساھەدە، قانۇنسىز مەبلەغ يىغىش، يۇشۇرۇن سەرراپخانا، ئاكسىيە-زاكاز مال، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى قاتارلىقلارغا مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە، «ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق»، «تەشكىللىك قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان گۇرۇھلار، ئانا-بالىلارنى ئالداپ سېتىش، قانۇنسىز قورال-ياراق، ئوق-دورا»، «پاھىشىۋازلىق ۋە پاھىشلىك، توپلۇشۇپ قىمار ئويناش، زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ-سېتىش»، «يىمەكلىك، دورا، مۇھىت» نى مۇھىم نۇقتا قىلغان قانۇنسىز جىنايەتلەرگە سىجىل زەربە بەردى......

  ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر ئۆگىرىشىگە ئەگىشىپ، زورۋانلىق-تېرورلۇق مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ رېئال خەۋپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاخىرىقى چەك ۋە تۆۋەن چەككىچە ئايلىنىدىغان تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت مەسئۇلىيەت سىستېمىسى مەملىكىتىمىز مىقياسىدا تېزدىن ئورنىتىلىپ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولىشىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر