باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا دورا باھاسىغا شېرىنكانە قوشۇش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2017.09.04 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ نومۇر-ھەق ئېلىش كۆزنىكى، LED دومىلىتىش ئېكرانىدا دورا باھاسىغا شېرىنكانە قوشۇلمىغان ئۇچۇرلار كۆرسىتىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 22دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈچ A دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا (جۇڭگو تېبابەتچىلىكى دورىلاردىن باشقا دورىكاردا) دورا باھاسىغا شېرىنكانە قوشۇش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. 1- سېنتەبىر سائەت نۆلدىن باشلاپ، يېڭى داۋالاش مۇلازىمىتى باھا ئۆلچىمى بويىچە ئىجرا قىلىندى.

  6- ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى داۋالاش مۇلازىمەت تۈرلىرى ۋە باھاسى تەڭشەش خىزمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى. سىستېما ئالماشتۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دوختۇرخانا كۆپ قېتىم جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى تەشكىللىگەن، 31 ـ ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن دوختۇرخانا ئۇچۇر سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك ئىككى سائەت تاقالدى، 1300 خىلدىن كۆپ دورا، ئۇششاق توغرالغان دورا ۋە قايناتما دورىلاردىن تەخمىنەن 2100 تۈر دورا ئۇچۇرلىرى ۋە تەڭشەلگەندىن كېيىنكى داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھا ئۇچۇرلىرى دوختۇرخانىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر