باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئالىي مەكتەپلەر ئالتىگە يەتتى

2017.08.24 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى « 2017- يىللىق يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ‹يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان تولۇق كۇرۇس مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلىرىدىن تونۇشتۇرۇپ ئىمتىھانسىز ھالدا ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر›نى ئەنگە ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر بۇنىڭ ئىچىگە تاللانغان. بۇنىڭ بىلەن، ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالتىگە يەتتى.

  ئىگەللەنگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2017- يىلى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپلەردىن يەنە 54ى كۆپەيگەندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 366گە يەتكەن.

  شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى 1950- يىلى 4- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ، ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە باشقۇرۇش ئىلىمىنى ئاساس قىلغان، ئەدەبىيات، قانۇنشۇناسلىق، فىزىكا ۋە سانائەت قاتارلىق پەنلەرنىمۇ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرغان بولغاچقا، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر