باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى

2017.08.31 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى كەسپىي مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىپىڭ 30-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ ساھەسى ئاساسىي جەھەتتىن كەسپ مۇندەرىجىسى، كەسىپ ئوقۇتۇش ئۆلچىمى، دەرىسلىك ئوقۇتۇش ئۆلچىمى، ئىش ئورنىدا پىراكتىكا قىلىش ئۆلچىمى، ئەسۋاب-ئۈسكۈنە، جابدۇقلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قاتارلىق بەش بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان دۆلەت ئۆلچىمى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

  ۋاڭ جىپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپىي مائارىپىدا ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر مەملىكەت بويىچە 12 مىڭ 300 كەسپىي مەكتەپ بولۇپ، يىلدا 9 مىليون 307 مىڭ 800 كىشىنى قوبۇل قىلىدۇ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلار 26 مىليون 802 مىڭ 100 كىشى بولۇپ، ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي مائارىپ دۆلىتىمىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپنىڭ %50نى ئىگىلەيدۇ. مەملىكەتتىكى كەسپىي مەكتەپلەردە 1000 خىلغا يېقىن كەسىپ، 100 مىڭ كەسپ نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى، زور كۆلەمدە يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە تېخنىكلارنى تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر