باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدىكى 147 قوش تىل يەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاندى

2017.08.31 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) بۇ يىل ئاپتونوم رايون مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن قۇرغان 83 يېزا، كەنت قوش تىل يەسلى قۇرۇلۇشىنىڭ تولۇق تاماملىنىپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ئاۋات ناھىيەسىدىكى 147 قوش تىل يەسلىسىدە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاندى.

  ئاۋات ناھىيەلىك تەنتەربىيە سارىيىنىڭ قارشى تەرىپىگە سېلىنغان ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت تىلى 6-بالىلار يەسىلىسىنىڭ ھەر قايسى سىنىپلىرىغا پەرزەنتلىرىنى تىزىملاتقىلى كەلگەن ئائىلە باشلىقلىرى يېڭىدىن سېلىنغان بالىلار يەسلىسىنىڭ گۈزەل مۇھىتىنى كۆرۈپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدە پەرزەنتلىرىنىڭ زامانىۋى يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىدىن تولىمۇ سۆيۈندى.

  ئاۋات ناھىيەسى غوروچۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھۈسەنجان قۇربان مۇنداق دېدى: مەن يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت تىلى 6-بالىلار يەسلىسىنىڭ گۈزەل مۇھىتىدىن، تەجرىبىلىك مائارىپ تەربىيەچىلىرىنىڭ سەپلەنگەنلىكىدىن، بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك ياتاق، تاماقلارنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن؛ بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىكى ۋە پىسخىك خۇسۇسىيەتلىرىگە تولىمۇ ماس كېلىدىغان ئۇيۇنچۇق، ئوقۇش قوراللىرى، تەربىيەلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىكىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. قىزىمنىڭ بۇ يەسلىدە ياخشى تەربىيەلىنىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

  بۇ يەسلىگە يېڭىدىن بالىلار تەربىيەچىسى بولۇپ كەلگەن گۈلزار قاسىم مۇنداق دېدى: مېنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شوغىللىنىۋاتقانلىقىمغا 15 يىل بولدى. مەن دۆلەت تىلىنى ياخشى بىلىمەن، ئوقۇش-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە مول تەجرىبەم بار. «بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن» دېگەن بۇ شۇئار ماڭا ھەر دائىم ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ تۇرىدۇ. مەن بالىلار مائارىپىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈمەن. بۇ يەسلىگە قۇبۇل قىلىنغان ھەر بىر بالا مېنىڭ پەرزەنتىم، پەرزەنتلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىم. مەن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ مەندىن كۈتكەن ئىشەنچىنى يەردە قويماي، ئاتا-ئانىلارنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولىدا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمەن.

  ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت تىلى 6-بالىلار يەسلىسى ئاۋات بازىرىنىڭ «ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش» مەھەللە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، 751 ئاھالە، 2463 نوپۇسى بولغان بۇ مەھەللىدە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردىن 91ى بار. 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلانغان، ئومۇمىي كۆلۈمى 2424.36 كىۋادرات مېتىر بولغان يەسلى قۇرۇلۇشى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى تاماملانغان بولۇپ، توقۇز سىنىپ تەسىس قىلىنغان. ھازىر بۇ مەھەللىدىكى بالىلار ئەلا ئوقۇتۇش شارائىتىدىن بەھىرمەن بولماقتا.

  ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت تىلى 6-بالىلار يەسلىسىنىڭ باشلىقى لى خۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە يەسلىمىزگە 180 بالا قۇبۇل قىلىندى، يەنە داۋاملىق تىزىمغا ئالدۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر يەتتە سىنىپ ئېچىلىپ، ھەر بىر سىنىپقا ئۈچتىن تەربىيەچى سەپلەندى.

  ئۇقۇشىمىزچە، ئاۋات ناھىيەسىدىكى 147 يەسلىگە 673 ئوقۇتقۇچى سەپلەنگەن، 8-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، ناھىيە بويىچە قوش تىل يەسلىلىرىگە قۇبۇل قىلىنغان بالىلار 14 مىڭ 620گە يەتكەن. ھەر قايسى يەسلىلەر داۋاملىق ئوقۇغۇچى قۇبول قىلماقتا ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر