باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك

2017.08.29 14:12   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ياسىمىچىلىق كەسپى كارخانىلىرى مەسئۇللىرىدىن 50 كىشى، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن 35 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ گەپنى ئۇدۇل باشلاپ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى يىغىن ھەم سۆھبەت يىغىنى، ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يىغىنى. كۆپچىلىك ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ كەڭ-كۇشادە سۆزلەڭلار. بۇ گوۋۇيۈەننىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئالاقىدار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بولىدۇ.

  يىغىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۈپەت نازارەتچىلىكى ۋە كارانتىن-پرىيۇم باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش ۋە تۆۋەنگە بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى، «ليۇگۇڭ» گۇرۇھى، TCL گۇرۇھى، سودا-سانائەت بانكىسى، «خەيئېر» گۇرۇھىنىڭ مەسئۇللىرى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش» قاتارلىق باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە تۈرتكە بولدى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى تېزلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياسىمىچىلىق كەسپى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىمىز، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز دەيدىكەنمىز، يەنىلا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىمىز كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىدە ھازىر يەنىلا خەلقئارا ئىش تەقسىماتىدا ئوتتۇرىھالدىن تۆۋەنرەك دەرىجىدە تۇرۇش، چوڭ لېكىن كۈچلۈك بولماسلىقتەك مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولۇپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بۇمۇ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025»نى تۇتقا قىلىپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ھۈنەر سەنئىتىنى قەتئىي شاللاپ، كونا-يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىھالدىن يۇقىرى دەرىجىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ
    ·1-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە قا…
    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى