خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي ئاخبارات مەركىزى 22-ئاۋغۇست رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، 8-سېنتەبىر 13ـ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاخىرلاشقىچە ئىشلىتىلىش داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھەر كۈندىكى ئېچىلىش ۋاقتى ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن شۇ كۈندىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى ئىككى سائەتكىچە، مۇسابىقە يوق كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىگىچە ئېچىلىدۇ. بىر ھەپتىگە يېقىن ماسلىشىش خىزمىتى ئىشلەنگەندىن كېيىن، ئاخبارات مەركىزىنىڭ خىزمەتلىرى نورمال ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە.
مۇخبىرلارنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي ئاخبارات مەركىزىنىڭ يېقىملىق مۇھىتى ئىچىدە چاي ئىچكەچ ئارام ئېلىش رايونى ۋە سودا مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەشكىلىي كومىتېتى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ 19 خىزمەتچى خادىمى ۋە 117 پىدائىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇخبىرلارنى ئارقا سەپ تەمىنات كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، خەلق تورىنىڭ خەلق تەنتەربىيە خەۋەرلىرى گۇرۇپپىسىغا ئاساسىي ئاخبارات مەركىزىدە مەشغۇلات ئۆيى ۋە ئاڭلىتىش ئۆيى تەسىس قىلىنىپ، 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن خەۋەر بېرىش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى