باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن بىرقانچىنى سىناق قىلدى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە بۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.08.28 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن 26-ئاۋغۇست سەھەردە نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلدى، ئامېرىكا، فىرانسىيە، رۇسىيە بۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كورېيە ئارمىيە دائىرىلىرى 26-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: چاۋشيەن شۇ كۈنى سەھەردە گاڭۋوندودا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز ساھىلىگە ئېنىقسىز نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بەردى، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى چاۋشيەننىڭ ئۇدا ئۈچ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق دېدى.

  ئامېرىكا ئاقساراي شۇ كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ تىرامپ چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپتى، ئاقساراي بۇ ۋەقەگە دىققەت قىلىدۇ.

  فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ ياپون دېڭىزىغا قارىتىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، چاۋشيەننىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، يادروسىزلاشتۇرۇشنى تولۇق، ھەقىقىي ئېغىشماي ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى پارلامېنت يۇقىرى پالاتاسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كوساچېف شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چاۋشيەنگە جازا يۈرگۈزۈشنى ماقۇللىغان ئەھۋال ئاستىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ ناچار سىگنال بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: چاۋشيەننىڭ بۇ قىلمىشى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىنتايىن زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ، بۇ تېخى يەنە چاۋشيەننىڭ ئۆزىنى قىيىن ئەھۋالغا قويۇشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر