باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى ئېتىبار باھادا زاپاس گۆشنى بازارغا سالدى

2017.08.28 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرى 26-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە پۈتۈن شەھەردىكى 69 بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا، ئېتىبار باھادىكى زاپاس گۆشنى بازارغا سېلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) بازار ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جېڭ گۇاڭچىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىملىق شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆشنىڭ بازارغا سېلىنىش دائىرىسى كەڭ، شەھەر بويىچە ھەممە رايونلاردا بازارغا سېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان. يىراق يېزا-بازارلارغىمۇ مەخسۇس كۆچمە شەكىلدىكى سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارمۇ بۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنغان.

  بۇ قېتىمقى بازارغا سېلىنغان يېڭى ياكى توڭلىتىلغان كالا-قوي گۆشلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى بازار باھاسىدىن ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 35 يۈەن، يېڭى كالا گۆشىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ 48 يۈەن، بۇنىڭغا باھاسى تېخىمۇ ئەرزان سېتىلىدىغان توڭلىتىلغان كالا-قوي گۆشلىرىنى قوشقاندا، ئوخشىمىغان ئىستېمال قاتلىمىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل بازارغا سېلىنغان زاپاس گۆشنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلگەن. بازارغا سېلىنغان يېڭى قوي گۆشىنىڭ قۇيرۇق ماي قىسمى پاكىز ئېلىۋىتىلىپ، لوق گۆش پېتى بازارغا سېلىنغان، يېڭى كالا گۆشىگە ياغ بولماسلىق، قىيما گۆش بولماسلىق تەلىپى قويۇلغان، توڭلىتىلغان توخۇ گۆشىگە ئىچى پاكىز ئېلىۋىتىلگەن سەنخۇاڭ توخۇسى بولۇش ئۆلچىمى قويۇلغان. كوللېكتىپ سېتىۋىلىش، تالىشىپ سېتىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سېتىش نۇقتىسىدا سېتىۋىلىشقا چەكلىمە قويۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، ھەر بىر ئادەم يېرىم قوي، 5 كىلو ئۆپچۈرىسىدىكى كالا گۆشى، بەش تال توخۇدىن ئارتۇق سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ. تۆۋەن كاپالەتلىك، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئاۋۋال سېتىۋىلىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر