باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدىن 191 ئېشىنچا ئەمگەكچى ئەنخۇي ئۆلكىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتى

2017.08.25 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسىدىن 191 ئېشىنچا ئەمگەكچى ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرى «مېيلىڭ» گۇرۇھىغا ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۇ ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى، دولان يېزىسى، غوروچۆل يېزىسى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار دۆلەت تىلى ۋە تېخىنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفىي شەھىرى بىلەن ھەر تەرەپلىمە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

  غوروچۆل بازىرى ئۈستۈنكى شەھەر ئاھالىسى ئېزىز مەھمۇت مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ يېرى ئاز، بەش جان ئادەم 10مۇ يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۇرەتتۇق. گەرچە مەن دائىم سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان بولساممۇ، ئەمما كۆپ پۇل تاپالمىغان ئىدىم. بۇ قېتىم ناھىيەمىزنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇردۇم.

  دۆلەت تىلى ۋە تېخىنىكا ماھارىتى بويىچە بىر مەزگىل تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفىي شەھىرى «مېيلىڭ» گورۇھىغا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. ئەمدى مەن ئەنخۇي ئۆلكىسىگە بېرىپ، سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىدىغان بولدۇم.

  ئاۋات ناھىيەسى يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشلىنىش نوقتىسى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى نىشان قىلىپ، تۈرلۈك چارە-ئاماللار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  دولان يېزىسى دولان كەنتىدىن شۆھرەتجان ئەمەر مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىزنىڭ نەرىگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشايلى ۋەتەن بىزنىڭ ئائىلىمىز، ۋەتەن بىزنىڭ باش پاناھىمىز. گەرچە ئەنخۇي ئۆلكىسى يۇرتىمىز ئاۋاتتىن خىلىلا يىراق بولسىمۇ، ئىككى جايدىكى ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش. مەن ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدە ئىنتايىن بەختىيار. مەن «مېيلىڭ» گورۇھىغا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئىنتىزامغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ كەسپىي ئەخلەقىغا نەمۇنىلىك بىلەن رېئايە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا قاراپ ماڭىمەن.

  ئاۋات ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەسقەر ئىدرىس مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلارنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفىي شەھىرى «مېيلىڭ» گورۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ناھىيەمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى 35 ياشتىن تۈۋەن 191 ياشنى «مېيلىڭ» گۇرۇھىغا ئەۋەتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قېتىمقى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەردىكى دېھقان ياشلار «مېيلىڭ» گۇرۇھىدا مۇقىم كىرىملىك ئىشچىلارغا ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر