باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ «كىنىشكىسىز، ئىجازەتنامىسىز تىجارەت قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»نى ئېلان قىلدى

2017.08.24 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «كىنىشكىسىز، ئىجازەتنامىسىز تىجارەت قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»نى ئېلان قىلدى(تۆۋەندە قىسقارتىپ «چارە» دەپ ئېلىندى)، 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «چارە» جەمئىي 19- ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى كىنىشكىسىز، ئىجازەتنامىسىز تىجارەت قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش دائىرىسى تەڭشەلگەن، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. «چارە»نى ئېلان قىلىش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «ئاۋۋال كىنىشكا، كېيىن ئىجازەتنامە بېرىش» ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  «چارە»دە، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ياخشى تۈزۈم كەيپىياتى يارىتىش تەكىتلەندى. بىرىنچى، كىنىشكىسىز، ئىجازەتسىز تىجارەت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي سېلىنما بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ ھەم جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ، جانلىق بولغان يېڭىلىق يارىتىشنى باشقۇرۇش، ئىمكانىيەت قالدۇرۇش تۈزۈمى بوشلۇقى يارىتىش. «چارە»دە تۆۋەندىكى ئىككى تۈردىكى تىجارەت پائالىيىتى كىنىشكىسىز، ئىجازەتسىز تىجارەتكە تەۋە دەپ بەلگىلەندى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن سورۇن ۋە ۋاقىتتا، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىش ياكى شەخسلەر ھۈنىرىگە تايىنىپ قانۇن بويىچە ئىجازەت ئالماي خەلققە قولايلىق ئەمگەك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزام، گوۋۇيۈەن قارار قىلغان بەلگىلىمە بويىچە، ئىجازەت ئالماي ياكى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاتماي تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش. ئىككىنچى، بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغان تارماقلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بىلەن يېتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈش، جازالاش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئاددىيلاشتۇرۇلغان قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ساقلىنىپ، كىنىشكا، ئىجازەتنامە بېجىرىش قانۇنىي شەرتىنى ھازىرلىغان، تىجارەتچىنىڭ داۋاملىق تىجارەت قىلىش ئارزۇسى بولسا، ئۇنى قانۇن بويىچە ئالاقىدار، كىنىشكا، ئىجازەتنامىلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. ئۈچىنچى قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا كىنىشكىسىز، ئىجازەتسىز تىجارەت قىلمىشىنى جازالاش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى مۇۋاپىق يېنىكلىتىپ، ئۈسكۈنە- جابدۇقلىرىنى مۇسادىرە قىلماسلىق ھەم جەرىمانە سوممىسىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر