باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاناس مەنزىرە رايونى «باھاغا چەك قويۇش» سىياسىتىنى چىقىرىپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش ھادىسىلىرىنى ئوڭشىدى

2017.08.23 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر تەخسە گۆشلۈك لەڭمەننىڭ ئەڭ يۇقىرى باھاسى 45 يۈەن، قاناس رايونىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك پۇقرالار ئۆيلىرى ياتىقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 120 يۈەن، ئەڭ يۇقىرى باھاسى 680 يۈەن......

  22-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، داڭلىق قاناس مەنزىرىگاھى يېمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش كەسپىدە ئەڭ يۇقىرى باھاغا چەك قويۇپ، قونالغۇ كەسپىدە بۆلەكلەر، دەرىجە بويىچە ئەڭ يۇقىرى باھاغا چەك قويۇپ، «باھاغا چەك قويۇش» سىياسىتى ئارقىلىق ساياھەت ئاۋات مەزگىلدە قالايمىقان ھەق ئېلىش ھادىسىلىرىنىڭ ئاسان پەيدا بولۇشىنى تۈزەيدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرىگاھىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەنزىرە رايونى ساياھەت باھا بازىرىدا پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان يامان ئەھۋاللارنى توسۇش ئۈچۈن، «قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، قونالغۇ كەسپىدە ھەق ئېلىش بەلگىلىمىسى»نى چىقىرىپ، بازار تەڭشەش ۋە ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئوچۇق-ئاشكارا باھا تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تىجارەتچىلەرنىڭ باھا ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش ھادىسىلىرىگە زەربە بېرىپ، مەنزىرە رايونىدىكى ئىستېمال باھا سەۋىيەسىنىڭ مۇۋاپىق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  قاناس مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە مۇنداق ئەسكەرتىش چىقاردى: ناۋادا ئىستېمال جەريانىدا باھانى ئارخىپقا ئالدۇرماسلىق، تاۋار، مۇلازىمەتنىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى چەكتىن ئېشىپ كېتىش قىلمىشلىرى بايقالسا، تېلېفون ئۇرۇپ پاش قىلسىڭىز بولىدۇ. پاش قىلىش مەزمۇنىنىڭ راستلىقى تەكشۈرۈپ دەلىللەنسە، پاش قىلغۇچىغا مىڭ يۈەن پۇل ۋە قاناس مەنزىرىگاھىنىڭ بىر بېلىتى مۇكاپات بېرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر