باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ماتىس ئىراق ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشنىڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدى

2017.08.23 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس تۈنۈگۈن ئىراقنى ئۇشتۇمتۇت زىيارەت قىلىپ، ئىراق ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى بىلەن ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشنىڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ماتىس ئىراق زۇڭلىسى ئابادى ۋە ئىراقنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قاتارلىق ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشنىڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى بولۇپمۇ يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان تەيلافىرنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلغان. ماتىس 21- ئاۋغۇست ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قايسى تەرەپلەر مۇھىم نۇقتىنى ئىراق تەۋەسىدىكى ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشكە قارىتىپ، ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر