باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو» مەخسۇس فىلىمى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2017.08.23 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو قۇرۇش باش تېما قىلىنغان «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو» ناملىق ئالتە قىسىملىق سىياسىي ئوبزور مەخسۇس فىلىمى يېقىندا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تېمىسى توغرىسىدىكى پاراڭلىرىمۇ قىزىپ كەتتى.

  ئوتتۇرا جەنۇب مالىيە ئىقتىساد سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى شۈ خەنمىڭ مۇنداق دېدى: فىلىمدا ئېيتىلغاندەك، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تارازىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىر تەرىپىدە ئاممىۋى ھوقۇق، يەنە بىر تەرىپىدە پۇقرالار ھوقۇقى بار. دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھۆكۈمەت تۈزۈلگەن قانۇنغا چوقۇم ئەمەل قىلىش، قانۇننى چوقۇم قاتتىق ئىجرا قىلىشقا باشلامچى بولسىلا، دۆلەت قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولىدا تەرتىپلىك تەرەققىي قىلالايدۇ.

  «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشتا قاتتىق تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپلىرى ئارقىلىق مەمۇرىي ھوقۇقنى تىزگىنلەپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك». «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو» مەخسۇس فىلىمىدىكى تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار شەندۇڭ ئۆلكىلىك قانۇنچىلىق ئىشخانىسى مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش يېتەكچىلىك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ لۇپىڭغا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولىدا قانات يايدۇرۇش، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاشنىڭ ئاچقۇچى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مەنبەيىدىن چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنىڭ يوللۇق، جەريانىنىڭ ئاشكارا، مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېنىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تارىخ ۋە قانۇننىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈشتە.

  گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى دۇڭگاڭ چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەخسۇس فىلىمنىڭ «مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش» ناملىق ئۈچىنچى قىسمىنى كۆرگەندىن كېيىن نۇرغۇن تەربىيە ۋە مەدەتكە ئېرىشتىم. قاتناش ساقچى تارماقلىرى ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان كۆزنەك ئورۇن، شوپۇرلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىش كۈندىلىك مۇھىم خىزمىتى.

  سۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈزۈم، قائىدىلەرنىڭ تەپسىلىيلىشىشى، نازارەتچىلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى، ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىگە ئەگىشىپ، قوشۇنىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئاممىمۇ بارغانسېرى رازى بولماقتا. بىز بۇ مەخسۇس فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن مەمۇرىيەتنى تېخىمۇ قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنى قانۇن ئىجرا قىلىشىمىزدىن تېخىمۇ رازى قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر