باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئەرز قىلغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

2017.08.23 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئەرزىيەت سىستېمىسى ئەرزىيەتتە ئاشكارا بولۇش، ئەرزىيەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەرز قىلغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە ئەرز ئومۇمىي سانى 2013-يىلىدىكىدىن %25.3 تۆۋەنلىگەن.

  جىلىن ئۆلكىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئەرزىيەت زالىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى تورخانىدا خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەر كۈنلۈك ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئەرز قىلىپ كەلگەن ئاممىغا ياردەم بېرىش. جىلىن ئۆلكىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى توردا ئەرز قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى رېن شيەنشېڭ مۇنداق دېدى: ئەرز قىلغۇچى ئامما ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك ئىنتېرنېت تورىدا قوبۇل قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق، ئەرز قىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى شۇكى بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش جەريانى ۋە بېجىرىش نەتىجىسىنىڭ ئومۇمىي جەريانىنى ئاشكارىلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھازىر بىز يانفون ئارقىلىق ئەرز قىلىش، ئۈندىدار ئارقىلىق ئەرز قىلىشنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بۇلار ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئۇچۇرى سىستېمىسىغا تايىنىپ شاڭخەي، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلار قوبۇل قىلىپ بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىنى مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە، دەرىجىمۇ-دەرىجە ئىنكاس قىلىشقا يېتەكلىدى. ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، جياڭسۇ ئۆلكىسى ئاممىنىڭ قانۇن بويىچە دەرىجىمۇ-دەرىجە ئەرز قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كارتىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. بۇ كارتا ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەرز قىلىش جەريانى ۋە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى ئوبيېكتىپ ئىنكاس قىلىنىدۇ، بۇ ئاممىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشىدىكى يول كارتىسى ۋە خاتىرە كارتىسى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك مەسئۇل سوبىيېكتلارنى نازارەت قىلىش كارتىسى بولۇپ قالدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك ئەرز تەكشۈرۈش مەخسۇس خادىمى شېن شياڭچىن مۇنداق دېدى: ئەگەر سىزنىڭ ئىنكاس قىلغىنىڭىز كەنتكە تەۋە مەسىلە بولسا، يېزا بازارغا بېرىپ كارتا ئېلىشىڭىز كېرەك، ئاندىن يېزا بازار دەرىجىلىك ئورۇنلار سىزگە جاۋاب بېرىدۇ، ئەرز قىلغۇچىلار جاۋاب پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن رازى بولمىسا، ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، يەنىلا رازى بولمىسا شەھەرگە بېرىپ قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇ كارتا ئارقىلىق ئەرز قىلىش بولۇپ، ئۈچ دەرىجىلىك تەكشۈرۈش، قايتا تەكشۈرۈش تەرتىپى.

  ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى بىرلىكتە " ئادۋوكاتلار ئەرزىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر"نى تارقاتتى. ھازىر مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەمدە 2700دىن ئارتۇق شەھەر، ناھىيە ئادۋوكاتلار ئەرزىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، ئەرز قىلغۇچى ئاممىنى ياخشى يېتەكلەش رولىنى ئوينىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر