باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مادۇرو: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپقا خەت يېزىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىمەن

2017.08.23 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنسۇئىللا زۇڭتۇڭى مادۇرو تۈنۈگۈن مەن يېقىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپقا خەت يېزىپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىمەن دېدى.

  مادۇرو مۇنداق دېدى: تىرامپ ۋېنسۇئىللاغا ھەربىي ئارىلىشىش تەھدىتى سالغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ناچار مەزگىلگە قەدەم قويدى. مەن تىرامپنىڭ خېتىمنى ئەستايىدىل ئوقۇشىنى ھەمدە سۆزلىشىش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ياخشى تەرەپكە بۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مادۇرو مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋېنسۇئىللانى سودا ، نېفىت ۋە پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق قامال قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ، بۇ ۋېنسۇئىللانىڭ ئىقتىسادىنى يەنىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ۋېنېسۇئېلانى ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن ئىشغال قىلىش ھەمدە بايلىقىمىزنى بۇلاش ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى. مادۇرو ئامېرىكا بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر