باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو» ناملىق سىياسىي ئوبزور مەخسۇس فىلىمى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2017.08.23 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتە قىسىملىق مەخسۇس سىياسىي ئوبزور فىلىمى : قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو قويۇلغاندىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى كۆرۈرمەنلەر بارغانسېرى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى، جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تېمىسىدىكى مۇنازىرىلىرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

  جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى چىن جۇ رايونى تاڭشى بازارلىق ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى خۇاڭ يەن بىر ئاساسى قاتلام ئەدلىيە كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر فىلىمدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بېرى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇش ئىشلىرى تېز يولغا كىردى، بىز ئاساسى قاتلامدىكىلەرگە نىسبەتەن ھازىرقى باسقۇچتا ئاممىۋىي قانۇن مۇلازىمىتىدە تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەڭ مۇھىم، چۈنكى ئۇ ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق رامكىسى ئاستىدا ھەل قىلالايدۇ.

  جىلىن ئۆلكىسى توڭخۇا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىسى سېڭ بۇنىڭ ئاساسى قاتلامدا ئىشلەۋاتقىنىغا 11 يىل بولدى،ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە مەزكۇر مەخسۇس فىلىمدا يىراق نەزەردە تۇتۇلۇپ ئەمەلىي مىساللار كەلتۈرۈلۈپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ زور تارىخىي ئەھمىيىتى چوڭقۇر شەرھىيلىنىپتۇ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق سۆز، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو قۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈرتكۈچىلىرى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى،شۇڭا قانۇننى ياخشى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، رائىيە قىلىش، قوغداشنىڭ ياخشى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  گۈيجۇ ئۆلكىسى زۈنيى شەھىرىدىكى ئادۋوكات چېن جۈەن مۇنداق دېدى: قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو ناملىق بۇ مەخسۇس فىلىمدە ئەمەلىيەتتە ئېلىمىزنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى بىر ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ۋە ۋە مۇكەممەللىشىش جەريانى سۆزلىنپتۇ، بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز بىر جەھەتتىن قانۇننىڭ مۇساپىسىنى، قەدىر قىممىتىنى قوغداش، يەنە بىر جەھەتتىن قانۇن كۆزقارىشىنى ئادەتتىكى ئاممىغا سىڭدۈرۈش.

  شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ يەنلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان زامانىۋىي دۆلەتلەر بېكىتكەن ھەقىقەتنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسى ئۇسۇلىغا ئايلاندۇردى، ھەمدە ئۇنى تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يەنىمۇ كىرگۈزۈپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگونى بىر خىل دۆلەت ئىستراتېگيەسىگە ئايلاندۇرۇپلا قالماي يەنە ئۇنى بىر خىل دۆلەت ئېتىقادىغا ئايلاندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر