22- ئاۋغۇست، ئىتالىيە ئىسچىيا ئارىلىدا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىر بوۋاقنى قۇتقۇزۇپ چىقماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىتالىيە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 21- ئاۋغۇست كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىسچىيا ئارىلىدا 4.0 بال يەر تەۋرىدى. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر تەۋرەشتە نۆۋەتتە ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم ئۆلگەن، 39 ئادەم يارىلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى