8- ئاينىڭ 22- كۈنى، تىك ئۇچار ئايروپىلان گىرۇزىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بورجومى رايونىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئوت ئۆچۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گىرۇزىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بورجومى تاغ رايونىنىڭ ئوت ئاپىتى 22- ئاۋغۇست يەنىلا ئەتراپتىكى رايونلارغا يامرىماقتا. شۇ يەردە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان گىرۇزىيە زۇڭلىسى كاۋىركاشۋىلى مۇنداق دېدى: گىرۇزىيەدىكى ھەرقايسى تارماقلار ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن بۇ قېتىمقى تاغ ئوتىنى ئۆچۈرىدۇ.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بورجومى تاغلىق رايونى دابا كەنتى ئەتراپىدا 20- چېسلا كەچ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 21- چېسلا كونترول قىلىندى، ئەمما كەچتە شامال كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئوت كەتكەن قىسمەن جايدا يەنە بىر قېتىم قايتا كۆيۈش بولغان ھەمدە تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى