باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تۆت مىليون 800مىڭ دېھقان-ئىشلەمچى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىدى

2017.08.23 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئاچقان مەملىكەتلىك يېزىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈر ئىجادىيەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە يۇرتىغا قايتقان ۋە يېزىغا چۈشكەنلەر 7 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، 4 مىليون 800مىڭى دېھقان ئىشلەمچىكەن. يۇرتىغا قايتقان، يېزىغا چۈشكەنلەر ئىگىلىك تىكلىگەن كارخانىلاردا %80تىن كۆپرەكى يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ۋە كەسىپلەر بېرىكمىسىكەن، %54ى تور قاتارلىق زامانىۋى ۋاسىتىلەرنى قوللانغان.

  تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى « يۇرتىغا قايتقان، يېزىغا چۈشكەنلەر ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش ئارقىلىق، يېزىلارنىڭ 1-،2-،3- كەسىپلىرىنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتقاندىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 12 مىنىستىرلىق، كومىتېت بىلەن بىرلىشىپ، يېزىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى تۇرغۇزغان، نۆۋەتتە 17 ئۆلكە ئىلگىرى سۈرۈش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى تۇرغۇزغان. مەملىكەتلىك يېزىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش باغچە مۇندەرىجىسىنى تۇرغۇزۇپ، 1096 باغچە رايونىنى ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە يەتتىسى 2- تۈركۈمدىكى دۆلەت ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا كىرگۈزۈلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر