باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەننىڭ شەھىرى چېتىشلىق دېلو سوممىسى بىر مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان پەۋقۇلئاددە زور شاخلىتىپ سېتىش دېلوسىنى پاش قىلدى

2017.08.23 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەننىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تۈنۈگۈن چېتىشلىق دېلو سوممىسى بىر مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان پەۋقۇلئاددە زور شاخلىتىپ سېتىش دېلوسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. 2016-يىلى، نەننىڭ ساقچىلىرى لى فامىلىلىك، ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى جىنايەت شايكىسىنىڭ نەننىڭدا شاخلىتىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى توغرىسىدا مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئېرىشتى. بىر يىلغا يېقىن رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىل 1-ماي سەھەردە ساقچىلار تور يىغىپ، نەننىڭ شەھىرىدىكى 230 شاخلىتىپ سېتىش ئۇۋىسى ھەمدە شاخلىتىپ سېتىش شايكىسىنىڭ باشچىلىرى تۇرۇشلۇق جايلاردا قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. نەننىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىقتىسادىي جىنايەت رازۋېدكا تارماق ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زېڭ زىچېڭ: شاخلىتىپ سېتىشقا چېتىشلىق 368 كىشىنى قولغا چۈشۈردۇق. بۇندىن باشقا، دېلوغا چېتىشلىق توڭلىتىلغان پۇل 31 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، دېلوغا چېتىشلىق 57 ئاپتوموبىلنى قولغا چۈشۈردۇق، دېدى. ھازىر تەپتىش ئورگانلىرى بۇ شاخلىتىپ سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق 92 ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر