باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۇ جېڭشېڭ گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2017.08.23 16:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۇ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن بېيجىڭدا گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يۇ جېڭشېڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ ئۇزاقتىن بېرى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئوينىغان مۇھىم رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە مۇنداق ئۈچ ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئەقىل كۆرسىتىش رولۇڭلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات،ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى دۇچ كېلىۋاتقان زور مەسىلىلەرنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، يىراقنى كۆرەر، ئىستراتېگيەلىك، قاراتمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، كەسپىي، ئىجابىي سىياسەت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلمىي ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلەشنى كۈچلۈك قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئىككىنچى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتەك ئىلىم روھىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئىلغار بىلىم تېخنىكىسى بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى، كەسپىي ئەۋزەللىك بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى دەل تېپىپ چىقىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، ھەرقايسى كەسىپ، ساھەلەردە دادىل ئىزدىنىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئارتۇقچىلىقىڭلار بىلەن جەمئىيەتكە، خەلققە بەخت يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۈچىنچى، جۇڭگو ۋە غەربنىڭ بىلىملىرىنى تەڭ ئۆگىنىش، غەربنىڭ بىلىملىرى بىلەن جۇڭگونىڭكىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈستۈنلۈكۈڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆۋرۈك بولۇپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەلنىڭ پەن تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جۇڭگوغا كېلىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىش بىلەن بىرگە جۇڭخۇانىڭ نادىر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ئاۋازىنى ياخشى تارقىتىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۈچۈن تۆھپە، كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر