باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىناۋەتلىك قەرز بايلىقى تەقسىماتىدا بەك نامرات رايونلارغا ئېتىبار بېرىدۇ

2017.08.23 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەن گۇڭشېڭ تۈنۈگۈن پۇل-مۇئامىلە بەك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىناۋەت قەرز بايلىقى تەقسىماتى، نەتىجە-ئۈنۈم باھالاش، ئىچكى ھوقۇق بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە بەك نامرات رايونلارغا ئېتىبار بېرىپ، نامرات رايونلار يېزا ئىگىلىك ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  پەن گۇڭشېڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسەت خاراكتېرلىك، تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق خىزمەتلىرىدە بەك نامرات رايونلارغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىشى، دۆلەت ئىلىكىدىكى چوڭ سودا بانكىلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى تارماقلىرى بەك نامرات رايونلارنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كەلگۈسى بىرقانچە يىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى قىلىشى؛ ئاكسىيە، سۇغۇرتا كەسپى ئاپپاراتلىرىمۇ بەك نامرات رايونلاردىكى تور نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشى ۋە كەسپىي سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، بەك نامرات رايونلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى ۋە سۇغۇرتا كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر