باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىر جۇڭگو پۇقراسى ياپونىيەنىڭ فۇجى شەھىرىدە قەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى

2017.08.23 16:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: بىر جۇڭگو پۇقراسى 21- ئاۋغۇست شىزوكا ئۆلكىسىنىڭ فۇجى شەھىرىدە قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان، ئەلچىخانىمىز ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ياپونىيەگە بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىنى بىلدۈردى ھەمدە ياپونىيە ساقچى ئورگىنىدىن دېلونى تىزدىن پاش قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئەلچىخانا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتىمىز ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتىمىز ھەمدە ئاخىرقى ئىشلارنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى بىر تەرەپ قىلىمىز.ئەلچىخانىمىز دېلونىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ.ھەمدە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيدۇ.

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلار شۇ يەر ۋاقتى 21- ئاۋغۇست كەچ سائەت تەخمىنەن 8 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە شىزوكادىكى بىر شىركەتنىڭ چەتئەللىكلەر ياتىقىدا جۇڭگولۇق بىر ئەر بىلەن ئايالنىڭ قانغا مىلىنىپ ياتقانلىقى ، ئايالنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بايقىغان، ئەرنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. ھازىر يەرلىك ساقچىلار دېلونى يەنىمۇ تەكشۈرمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر