باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچانىڭ قوغۇنلىرى ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردە بازار تاپتى

2017.08.23 16:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۇچا ناھىيەسىنىڭ دۆڭقۇتان يېزىسىدىكى كۆلەملىك قوغۇنلۇققا يېقىندا بارغىنىمدا دېھقانلارنىڭ پىشقان قوغۇنلارنى ئالدىراش ئۈزۈپ ئوراپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. نەق مەيداندا قوغۇننى ئوراپ قاچىلاشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان كۇچا ناھىيەلىك «ئالەم» ئورگانىك مېۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى شۈ شىبىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قوغۇنلارنى شېنياڭدىكى كونا خېرىدارىمىز ئالدىن زاكاز قىلغان، قوغۇنلارنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ ئوراپ قاچىلاپ، خېرىدارغا پۈتۈشكەن قەرەلدە يەتكۈزۈپ بېرىمىز.

  ئۇقۇشىمچە، 2010- يىلى كۇچا «ئالەم» ئورگانىك مېۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان «ئالەم» ماركىلىق قوغۇنلار تەمىنىڭ تاتلىقلىقى، توشۇشقا قولايلىقلىقى بىلەن داڭ چىقىرىپ، شاڭخەي، جېجياڭ، نەنجىڭ، شېنياڭ، بېيجىڭ قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەردىكى تىجارەت دۇكانلىرىنىڭ زاكاز ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالغان. بۇ يىل قوغۇن پىشىشى بىلەن كۇچاغا قوغۇن توشۇشقا كەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. ھازىر دۆڭقۇتان بازىرىدىكى 10 مىڭ مودىن ئارتۇق قوغۇنلۇقتىن ھەر كۈنى ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە توشۇلغان قوغۇن 100 توننىدىن ئېشىپ كەتكەن، سېتىلىش باھاسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر