باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

--رۇسىيە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەتقىقات كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى تولورايانى زىيارەت

2017.08.23 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشى فۇجيەننىڭ شيامېندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ 2011- يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 3- قېتىملىق ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ يەنە بىر قېتىم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشى.

  دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يەنىلا تۆۋەن، يەر شارى ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى يەنىلا خىرىسقا دۇچ كەلگەن بىر ۋەزىيەتتە. ئۇنداقتا، كېسەك ئالتۇن مېخانىزمىنىڭ ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟ جۇڭگونىڭ رولىغا قانداق باھا بېرىلىدۇ؟ بىز رەھبەرلەرنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىدىن نېمىلەرنى كۈتىمىز؟ . . . . . . . بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا، «خەلق گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى رۇسىيە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەتقىقات كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى تولورايانى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

  رۇسىيە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مەسىلە تەتقىقاتىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تولورايا مۇنداق دېدى: « كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدىن ئىبارەت بۇ پاراخوت خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەن دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە بارلىققا كەلگەن. ئەينى چاغدا غەرب ئەللىرى دۇنيا بانكىسى بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا مۇتلەق رەھبەرلىك قىلاتتى. ئون يىل ۋاقىتقا يېقىن تەرەققىياتتىن كېيىن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان تەسىرىنى ئاللىقاچان بوش چاغلىغىلى بولمايدىغان بولدى.

  تولورايا مۇنداق دەپ قارايدۇ: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشىدىن باشلاپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزالىرى خەلقئارالىق ئىقتىسادىي سىستېمىنىڭ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش يۈز بەردى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى شۇنى مۇراجىئەت قىلىدۇكى، يېڭى دۇنياۋى تەرتىپ ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇش ئاساسىغا ئورنىتىلىشى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپى ھۆرمەت قىلىنىشقا ئېرىشىشى كېرەك. تولورايانىڭ قارىشىچە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى شۇكى، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش، ئىسلاھ قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  تولورايا مۇنداق دەپ قارايدۇ: ھازىر بەزى ئالىملار دائىم «تۇتسىدىرىدى قىلتىقى» ئۈستىدە پاراڭلىشىپ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ قەد كۆتۈرگەن چوڭ دۆلەت بىلەن ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئۇرۇش بولىشى مۇمكىن، دەپ قارىشىۋاتىدۇ، لېكىن مەن بۇ قاراشنى قوللىمايمەن. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىمۇ كوللېكتىپ ھالدا بۇ خىل پاراڭلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ پەيدا بولىشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ، يەنى تىنچ كېڭىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتەك يېڭىچە قائىدىنى تۇرغۇزۇش لازىم. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر يىغىنى ۋە ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىرى يىغىنى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلدى. تورورايا يەنە مۇنداق دېدى: بۇ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن مېخانىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى رولى تىلغا ئېلىنغاندا، تولورايا بۇنى يۇقىرى دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ بىر يىلدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەسىر كۈچى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، ئىتتىپاقلىق يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو زىچ كېڭىشىش ئېلىپ باردى. جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋە ئادىمىيەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقاردى. نۆۋەتتە، ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىق ياخشى ئېلىپ بېرىلماقتا، بولۇپمۇ جۇڭگو تۈزگەن خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر