باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىنلاندىيەدىكى يەرلىك سوت مەھكىمىسى پىچاق بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىنى سوتلىدى

2017.08.23 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىنلاندىيە غەربىي جەنۇب يەرلىك سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن تۇركۇدىكى پىچاق بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىنى سوتلىدى. سوتتا دېلودىكى ئاساسلىق گۇماندار بولغان ماراكەشلىك ئابدۇل راخمان مەكاخ ئۆزىنىڭ زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى ، بىراق قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. يەرلىك سوت مەھكىمىسى سوتتىن كېيىن، ساقچى ئورگىنىنىڭ مەكاخنى داۋاملىق نەزەربەند قىلىشىغا قوشۇلدى.

  مەكاخ 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2016-يىلى فىللاندىيەگە پاناھلانغىلى كەلگەن، بىراق ئۇنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى ئالاقىدار تارماقلار تەستىقلىمىغان.

  فىنلاندىيە دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى تاراتقۇلارغا ھازىر ساقچى ئورگىنى گۇماندارىنىڭ سالاھىيىتىنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر