باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دوستلار چەمبىرىكى بارغانسېرى كېڭەيدى

2017.08.25 09:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان نىھرۇ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سىرىكانسى كانداپارى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دېدى: مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، كېسەك ئالتۇن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دوستلار چەمبىرىكى يەنىمۇ چوڭىيىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، «كېسەك ئالتۇن» رەڭگىنى يوقاتمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە بارغانسېرى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ.

  بۇ ھىندىستاننىڭ جۇڭگو مەسىلىسىنى تەتقىق قىلغۇچى بۇ مۇتەخەسسىسى يېقىندا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۈەنجۇ شەھىرىگە بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9ـ قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ تەييارلىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي ھالەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ھەر خىل ئېنىقسىزلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى، شۈبھىسىزكى، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.

  سىرىكانسى كانداپارى مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: دۇنيا ئىقتىسادىي چوڭ مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش نەتىجىسىدە، برازىلىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە داۋالغۇش پەيدا بولدى، لېكىن جۇڭگو بىلەن ھىندىستان يەنىلا يۇقىرى بولغان ئىقتىساد ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ كەلدى. تېخىمۇ قىممەتلىك يېرى شۇكى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزئارا تولۇقلاش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئۈلگە بولۇش مەسىلىسىدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.

  كانداپارى يەنە مۇنداق دەپ بىلدۈردى: ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆزئارا تولۇقلاش يوشۇرۇن كۈچىنى قانداق قېزىش بۇ قېتىمقى شيامېن ئۇچرىشىشىدىكى مۇھىم مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى. رۇسىيە، جـەنـۇبىي ئافرىقا ۋە برازىلىيەگە ئوخشاش بۇنداق بايلىق ئېكسپورت قىلىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو ئىستېمال بازىرىنى كۆزلەيدۇ، دۇنيادىكى مۇھىم ياسىمىچىلىق بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ھالەتتە باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ بازىرىنى ئاچالىشىدىمۇ ئۈمىد بار.

  جۇڭگونىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەت رەھبەرلىرى شيامېن ئۇچرىشىشىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى توغرىسىدا، كانداپارى زور ئۈمىد كۈتمەكتە. ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشىدا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور ئۇتۇقلىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. كانداپارى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئەركىن سودا رايونىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل يەر شارىلىق پۇل تۆلەش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەتتا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ھەرىكەت قوللىنىپ، خېلى ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامغا چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۆتكەن 10 يىلدا مول تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى قولغا كەلتۈردى. كانداپارى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ ساھەلىك زىچ ئالاقىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈردى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئاقىللار ئامبىرى، ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارىسىدا قەرەللىك ھالدا ئۆزئارا باردى-كەلدى ئالاقە شەكىللىنىپ، ئەزا دۆلەتلەر ئارا چۈشىنىش چوڭقۇرلاشتى، ۋاسىتىلەر كۈچەيتىلدى، ھەمدە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىندى. مۇشۇ ئاساستا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇلۇشى ۋە قەرزنىڭ ئوڭۇشلۇق تارقىتىلىشى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك بولغان ئىش قىلىش ئىستىلىنى نامايان قىلدى.

  «مەسىلىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش، مەبلەغنى ئۈستەلگە قويۇپ گەپ قىلىش»- كانداپارى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىنىڭ ئاشكارا ۋە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى شۇنداق دەپ سۈپەتلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىرادىسى بار باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە بىر خىل كەڭ قورساقلىق پوزىتسىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قىيىن ئەھۋالىنى ئوڭشاشقا ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىقتىدارىمۇ يېتىدۇ. كانداپارى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەيلى ئىقتىساد ساھەسىدە بولسۇن، ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدە بولسۇن، كېسەك ئالتۇن مېخانىزىمى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى ۋە يېڭى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق كېڭىشىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. بەلكىم دەل مۇشۇنداق بىر كەڭ قورساقلىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى بارغانسېرى چوڭايتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر