باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شېنياڭدىن مەكىتكە سۇنۇلغان مېھىرلىك قوللار

2017.08.24 15:43   مەنبە: خەلق تورى

شېنياڭدىن مەكىتكە سۇنۇلغان مېھىرلىك قوللار

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 13-كۈنى مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى باشقىچە ئاۋاتلىشىپ كەتتى. بۇ كۈنى پاراۋانلىق ئورنىدا شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئۈمىدۋار بولۇپ، كەلگۈسى ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرايلى» تېمىسىدىكى ھال سوراش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. بالىلار ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، بۇ كۈنى ھەر تەتىلدە شېنياڭدىن كېلىپ ئۆزلىرىنى يوقلايدىغان ئامراق ئاكىسى نۇرمۇھەممەت شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرلىكتە بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنى يوقلاپ كەلگەنىدى.

  ئۆلكە ئاتلىغان «مېھىر-مۇھەببەت»

  __ بالىلار كېلەچەكنىڭ ئۈمىدى،-دېدى شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پەن يى باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، _ سىلەر يېتىم ئەمەس، پارتىيە، ھۆكۈمەت سىلەرگە يانتاياق بولغاندىن سىرىت، شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلار، مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار سىلەرنىڭ ئاكا-ھەدىلىرىڭلار، مەن پاراۋانلىق ئورنىدىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مۇشۇ پاراۋانلىق ئورنىدىن بىزنىڭ شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئالاھىدە ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن يەنە شۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان نۇر مۇھەممەت ئاكاڭلاردەك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ھەر ۋاقىت يېنىڭلاردا، ئاخىرقى مەنزىلگىچە تىرىشىپ ئوقۇشۇڭلار ئۈچۈن مەدەت بولىمىز، ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىمىز.

  بالىلار ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن نۇر مۇھەممەت ئاكىسى ۋە شېنياڭدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارغا تىكىلدى. كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكۈپ، پەقەت تىرىشقاندىلا بۇ ئارزۇلىرىنىڭ قاناتلىنايدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ يېتىم ئەمەسلىكى، 5000 كىلومېتىر يىراقتىمۇ ئۇلارنىڭ غېمىنى يەۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ مېھىرلىك قوللىرىنى ئۆزلىرىگە سۇنۇۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن سۆيۈندى.

  2012-يىلى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن مەكىت بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسى ۋە پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، ھازىر بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىن چىققان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 25 كە يەتتى. 2017-يىلى مەكىت بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىن بەش بالا ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. نۇر مۇھەممەت بۇ بالىلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆز يېنىدىن 500 يۈەندىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى. شېنياڭدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارغا ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئوقۇشىغا مەدەت بەردى.

  شېنياڭ بىلەن مەكىتنى تۇتاشتۇرغان «مېھىر كۆۋرۈكى»

  ئىنسان ھاياتىدا ھەر خىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. بەزىلەرگە كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ھامىيلىقىدا بەخت – سائادەت ئىچىدە خاتىرجەم چوڭ بولۇش نېسىپ بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇنداق بەختكە نائىل بولالمايدۇ. ئىنسان ئۆز قىسمىتىدىن زارلانماي، بەل قويۇۋەتمەي ئۈزلۈكسىز تىرىشقاندىلا، قەيسەر ئىرادىسى بىلەن ھاياتلىق يولىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز بەختىنى تاپالايدۇ. نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قىلىپ، ئائىلە مېھرىگە قېنىپ چوڭ بولالمىغان بولسىمۇ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقىدا ساغلام چوڭ بولۇپ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. ئۈچ يېشىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن يىتىم قالغان بۇ يىگىت بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىنى ئاچىسى بىلەن بىللە مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان كىشىلىك ھايات ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئاجىزلاشتۇرالمىدى، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ غەيرەتلىك، مۇستەقىللىككە ئىگە ۋە غايىلىك قىلىپ يېتىلدۈردى.

  2012-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۇ ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئەلا نەتىجە بىلەن شېنياڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى.

  نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساۋاقداشلىرىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە تىرىشىپ ياخشى ئوقۇدى. ئۇ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئەتراپىدىكىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئەڭ مۇھىمى، مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئېنى – سىڭىللىرىغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش مەقسىتىدە «مۇھەممەت مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتى»نى قۇرۇپ، شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەتىلدە يۇرتىغا قايتقىنىدا بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى. ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقىغا يارىشا مەملىكەت دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى، شېنياڭ شەھىرىنىڭ 4-ماي مېدالى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ «لىي فىڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى» قاتارلىق نۇرغۇن شان- شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

  «مۇھەممەت مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ئەترىتى» مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى. ئېلىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ ئەترەتكە قوشۇلدى. ئۇلار دەم ئىلىش كۈنلىرىدە شېنياڭ شەھىرىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ئورۇنلاپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى. سىرىتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان لۇمىن باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى ئۆگەتتى.

  نۇرمۇھەممەت يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى، ئەڭ مۇھىمى مەكتەپ رەھبەرلىكىنى تەسىرلەندۈردى. 2016-يىلى نۇرمۇھەممەت مەكتەپ پۈتكۈزگەندە، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنى ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلدى. ئۇ يۇرتىغا كېتىشنىمۇ ئويلىدى، لېكىن ئۇنىڭدەك بىر تولۇق كۇرس پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىغا ئالىي مەكتەپتىن خىزمەت چىقمىقىمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاخىر چوڭ شەھەردە تەرەققىي قىلىشنى، ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئېنى-سىڭىللىرىغا كۆپرەك ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى.

  _ نۇر مۇھەممەت خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى قىشلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ، نەچچە ئايلىق مائاشىدىن ئىشىنغان 5000 يۈەن پۇلنى مەكىت ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا پاراۋانلىق ئورنى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تاپشۇردى. ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن بالىلارغا پەقەت مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ھەر ئايلىق مائاشىدىن تىجەشلىك بىلەن پۇل يىغىپ، مۇھەممەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ۋە ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يەنە بۇرۇنقىدەكلا بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىنى، تىرىشىپ ئوقۇش ئارقىلىق گۈزەل شەھەرلەردە، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئوقۇشقا بېرىپ، ھازىرقى بەختىيار كۈنىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ، بالىلارغا تىرىشىپ ئوقۇسىلا، ئۆزىگە ئوخشاش گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.

  مۇھەببەت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

  نۇر مۇھەممەت ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە چىقىشقاقلىقى، ھارماس-تالماس ئىرادىسى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلدى. نۇرمۇھەممەتنىڭ قەلبىدىكى بۇ مېھىر- مۇھەببەت نۇرى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئىللىقلىق ئەترىتىنىڭ نۇرى تېخىمۇ يىراقلارغا چېچىلىشقا باشلىدى. ئۇ شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئۆزى چوڭ بولغان پاراۋانلىق ئورنى ئوتتۇرىسىدا بىر «مېھىر كۆۋرۈكى» سالدى. مەكتەپ رەھبەرلىرىمۇ ئۇنىڭ مېھرلىك ئىشلىرىنى قوللاپ، مەخسۇس يازلىق تەتىلدە مەكتەپتىن نەچچە ئوقۇتقۇچىنى ئاجرىتىپ، مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنى يوقلاشقا ئەۋەتتى، ئۇلار بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۇغقانلىشىپ، يېتىملىقىنى ھېس قىلدۇرمايدىغانلىقىنى، دائىم ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرسە ئالدىن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇردى.

  بۇ يازلىق تەتىلدە نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن يۇرتىدا ئۆيلەندى. ئۇنىڭ تويىدا شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى رەھبەرلەر باش بولۇپ تۇردى. بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئېنى-سىڭىللىرى ئاكىسىنىڭ تويىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى. نۇر مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئاتا-ئانىسى بولمىسىمۇ، شېنياڭدىكى قېرىنداشلار ھەم يۇرتداشلار ئۇنىڭ تويىنى ناھايىتى قىزىتىۋەتتى. شېنياڭدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەكىت ناھيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلار بىرلىكتە دولان ئۇسسۇلى ئويناپ، ئىككى يۇرت ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتىېتىنىڭ رەھبەرلىرى نۇرمۇھەممەتنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن كېلىنچەكنىمۇ شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتىېتىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولدى. مەكتەپ رەھبەرلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئائىلە زىيارىتى قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن شېنياڭ ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى.

  مەكىت ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇرېھىم ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: پاراۋانلىق ئورنىدا چوڭ بولغان ھەم بۇ پاراۋانلىق ئورنىنى ھېلىھەم ئۆز ئائىلىسىدەك كۆرۈپ كېلىۋاتقان نۇرمۇھەممەتنىڭ ئالىي مەكتەپكە كەتكەندىن بۇيان، ھەر تەتىلدە ئۆزى ئۆسۈپ چوڭ بولغان پاراۋانلىق ئورنىنى ئۇنتۇپ قالماي، بالىلارغا خەنزۇ تىلى ئۆگىتىپ، ئۇلارغا زور مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتقىنىدىن ئىنتايىن خۇش ئىدۇق. نۇر مۇھەممەتنىڭ شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىزمەتكە چىققانلىقىنى ئاڭلاپ بىز ئۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ھەم بۇ يىگىتنىڭ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئېنى-سىڭىللىرىغا بۇرۇنقىدەك ياردەم قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەن. ئۇنىڭ پەقەت ئۆزى بىلەن چەكلەنمەي، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ پاراۋانلىق ئورنىمىزدىكى بالىلارغا ياردەم قىلىشى بۇ ئورۇندىكى بالىلارنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ياخشى ئوقۇشىغا تۈرۈتكە بولدى ھەم ئىككى رايون ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈردى.

  _ نۇر مۇھەممەت ئاكام بىزنى ئۆز ئېنى-سىڭللىرىدەك كۆرىدۇ. بىز ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق، چۈنكى ئۇنىڭ بۈگۈنىدىن ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولىمىز. بىز تەتىلنىڭ تېزرەك كېلىشىنى، نۇر مۇھەممەت ئاكامنىڭ يېڭى-يېڭى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، بىزگە مەدەت بېرىشىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمىز. مەنمۇ ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە تىرىشىپ ئوقۇپ، بۇ يىل جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتۈم، مەن نۇرمۇھەممەت ئاكامنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىپ تىرىشىپ ئوقۇپ، ياخشى ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ، مېنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان پارتىيە، ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن،_ دېدى مەكىت ناھىيەلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى نىجات ئابدۇسەمەت.

  _ ئارزۇ ئىنسانغا قانات، كىشى ئۆز ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش يولىدا جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەي تىرىشقاندىلا، كۆزلىگەن مەقسەتكە چوقۇم يېتەلەيدۇ،-دېدى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن. _ مانا مەن كىچىكىمدىلا ئاتا-ئانامدىن ئايرىلىپ قالغان بولساممۇ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىمنىڭ ياردىمى بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە، شۇنداقلا مۇشۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم. شېنياڭ قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئىللىق ئائىلەممۇ بار بولدى. كىچىك ۋاقتىمدا ماڭا ياردەم قىلىدىغان ئادەم بولسا دېگەن خىياللارنى قىلاتتىم. بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇلار ھازىر يالغۇز ئەمەس، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلارمۇ ئۇلارغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلار پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇلارغا يارىتىپ بەرگەن ياخشى شارائىتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشى، ۋەتەننى سۆيۈپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەك. «يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس، چىڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دېگەندەك، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە باشقا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا مەنمۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئارزۇيۇمغا يېتەلمىگەن بولاتتىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…
    ·2017-يىلى ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان مۇلازىمەت قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئوقۇتق…
    ·بۇ يىل يېڭى سېلىنغان يېزا قوش تىل بالىلار باغچىسى 9-ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ
    ·دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %78دىن ئاشتى
    ·ئاتا-ئانىلار بىر بالا ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئاز بولغاندا 35 مىڭ يۈەندىن 47…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى چەكلەشنى تەكىتلىدى
    ·2017-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ سىنىپىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى