- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پانامانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ئەلچىسى تەيىنلەندى
2017.08.24 15:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاناما ھۆكۈمىتى 22- چېسلا ئېسكوۋالنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق تۇنجى باش ئەلچىسى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.
پاناما دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: ئېسكوۋالنىڭ ئاممىۋى تارماقلار، خۇسۇسىي تىجارەت تارماقلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغان تەجرىبىسى خېلى مول، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ، پاناما زۇڭتۇڭى پارېئىرانىڭ مۇشۇ تەيىنلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
شۇ ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇندا دېيىلگەن: ئېسكوۋالنىڭ جۇڭگودىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، ئىقتىساد-سودا تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.
ئېسكوۋال 2009- يىلى پانامانىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. ئارىلىقتا، پاناما بىلەن كانادادىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەمدە ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى كۈچەيتىلگەن. 2014- يىلى، ئۇ يەنە پانامانىڭ كۇبادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان، ھەمدە كۇبانىڭ ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىغا ياردەم قىلغان.
بۇ يىل 6- ئايدا، پاناما جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەيۋەن بىلەن «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر