باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.08.24 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-ئاينىڭ 23-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، مەركەز كارخانىسىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىشاڭنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ پاي ھوقۇقى، قەرەل ھوقۇقى ۋە پايدا تەقسىملەش قاتارلىق رىغبەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پەن تەتقىقات تۈرلىرى ۋە خىراجەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز كارخانىسى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تايانچى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا يېتەكچىلىك ۋە ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مەركەز كارخانىلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتۇقچە، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش، قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش جەھەتلەردە پائال ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، تىجارەت ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 3.7 تۆۋەنلەشتىن بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.4 ئېشىشقا ئۆزگىرىپ، مۈلۈك قەرز نىسبىتى يىل بېشىدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۆتكەل جېڭىدا باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. نۆۋەتتە، مەركەز كارخانىلىرى ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەشتىن ئۆسۈشكە ئۆزگىرىشىدەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت كارخانىسىنىڭ پىشاڭلىق رولىنى كېمەيتىشنى «پىشاڭنى تۈگىتىش»نىڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قەرز نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىرىنچى، قاتتىق بولغان ساھە بويىچە قەرز نىسبىتى ئېھتىيات سىزىقىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك. ئېھتىيات سىزىقىدىن يۇقىرى كارخانىلارنىڭ يىللىق تىجارەت نەتىجىسىنى باھالاشتا مۈلۈك قەرز نىسبىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇش، شۇنداقلا ئاساسىي كەسىپكە مەبلەغ سېلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسلىق بولمىغان كەسىپكە مەبلەغ سېلىشنى قاتتىق كونترول قىلىش، قەرز نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى چەكلەش كېرەك. ئىككىنچى، كۆپ يول ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ قەرزىنى كېمەيتىدىغان مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشى تېزرەك بولغان كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا قىسمەن پايدىسى ئارقىلىق قەرزىنى تۆۋەنلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. قەرز نىسبىتى ئېھتىيات سىزىقىدىن تۆۋەن ياكى پايدا ئېلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك كارخانىلارنى تارىختىن قېلىپ قالغان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىش ۋە شۇ مەزگىلدىكى پايدا-زىيان ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى كېمەيتىش قاتارلىق ئىسلاھات تەننەرخىنى سىڭدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىدىكى ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشتە دۆلەت مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار مالىيە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، دۆلەت كاپىتالىنى تولۇقلاش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كېرەكلىك كاپىتالىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، بازارلاشقان، قانۇنلاشقان قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىشنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمزالىنىپ بولغان رامكا كېلىشىمىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. تەرەققىيات كەلگۈسى ياخشى، پايغا ئۆزگەرتىش مۇددىئاسى بار مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى پۇختا يولغا قويۇش كېرەك. قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىدىغان ئاپپاراتلارنىڭ كۆپ يول بىلەن مەبلەغ توپلىشىنى قوللاش كېرەك. دۆلەت كاپىتالىغا مەبلەغ سېلىش، تىجارەت شىركىتى ۋە شارائىتى بار بولغان مەركەز كارخانىلىرى فوندىنى ھەر خىل بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىشكە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قەرز نىسبىتى داۋاملىق ئاشقان كارخانىلارغا سۆھبەتلىشىپ ئەسكەرتىش بېرىپ، ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. يەرلىك بىلەن ھەمكارلاشقان تۈرلەردە يەرلىك ھۆكۈمەت يوشۇرۇن قەرزنى كۆپەيتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. بەشىنچى، كونا-يېڭى ئېنېرگىيەنى داۋاملىق ئۆزگەرتىش جەريانىدا كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە پىشاڭنى تۈگىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ بۇ يىللىق پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىدىكى ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىش، «مۇردا كارخانا»لارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوت كۈچىدىن ئېلېكتىر چىقىرىش، ئېلېكتىرولىزلىق ئاليۇمىن، بىناكارلىق ماتېرىياللىرى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى پەيدا بولۇشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» ۋە «ئالاقە تورى +»نى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت، يېڭى ئەنزىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىشىش، تورلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پىشاڭنى تۈگىتىپ، قەرزنى كېمەيتىشىنى يەنىمۇ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش يېتەكچى پىكرىنى تۈزۈپ، مەركەز كارخانىلىرى مۈلۈك قەرز نىسبىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن سىجىل، مۇقىم تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەرزى كۆپ كارخانىلارنىڭ قەرز نىسبىتىنى تەدرىجىي مۇۋاپىق سەۋىيەگە چۈشۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر