باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران جازالاشقا قارشى تۇرۇپ، بەش كۈن ئىچىدە ئۇران قۇيۇلدۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز، دېدى

2017.08.24 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالىشىغا قارىتا، ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەلى ئەكبەر سالىھ 22-ئاۋغۇست ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقسا، ئىران بەش كۈننىڭ ئىچىدىلا %20 لىك قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپ چىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ»، دېدى.

  سالىھ 22-ئاۋغۇست ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق سۆز قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد تىرامپ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئىمزا قويغان ئىران، چاۋشيەن ۋە رۇسىيەلەرگە جازا يۈرگۈزۈش قانۇن لايىھەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئىران قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى قۇيۇقلىقتىكى ئۇران قۇيۇلدۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ»، دېدى. بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ، ئىرانغا يېڭى جازا يۈرگۈزگەن ئىدى.

  سالىھ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئىراننىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ياكى ئىنكاس قايتۇرۇش پىلانى بار بولسا، بىز ئامېرىكىنى چوقۇم چۆچۈتۈپ قۇيالايمىز. بىزنىڭ ئىرادىمىز بولسىلا، بەش كۈننىڭ ئىچىدىلا %20لىك قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپ چىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز»، دېدى.

  %20 لىك قويۇلدۇرۇلغان ئۇران بولسا، قورال دەرىجىسىدىكى قويۇلدۇرۇلغان ئۇرانغا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بىر قەدەم باسقانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. 2015 – يىلى، ئىران ۋە ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئالتە دۆلەت، يەنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جوڭگو ۋە گىرمانىيە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلغان، بۇلتۇر 1-ئايدا كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش باشلانغان. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىران 15 يىل ئىچىدە قويۇلدۇرغان ئۇراننى %3.67 دىن ئاشۇرماسلىق شەرتى ئاستىدا، غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ جازالاشنى بوشىتىشىغا كىلىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر