باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە، جۇڭگو يەر شارى بويىچە كۆچمە چىقىم قىلىش باشلامچىسى بولۇپ قالدى، دېيىلدى

2017.08.24 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى 22- ئاۋغۇست ئېلان قىلغان دوكلاتتا: جۇڭگو دۇنيا بويىچە كۆچمە چىقىم قىلىش باشلامچىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلگۈسىدىكى پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيە سىستېمىسىدا، چوڭ تىپتىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ، دېيىلدى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 450 مىليون ئابونتقا ئىگە ئەلىپاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالمانىڭ يەر شارى بويىچە 12 مىليون ئابونت ئومۇمىي مىقدارى چېنىپ قالىدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن، دوكىلاتنىڭ يازغۇچىسى، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى پۇل مۇئامىلە كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى جېس. مەكۋاتتېرس مۇنداق دېدى: «چىقىم قىلىش شەكلىنىڭ تەننەرخىنى ئۆزگەرتىش ھالقىلىق ئامىل. جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى ئىچىدە ئىناۋەتلىك كارتىسى بارلارنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، بۇ سەۋەبلىك كۆچمە چىقىم قىلىش بىۋاسىتە ئاساسىي ئېقىمنى ئىگىلىگەن، بىراق غەرب ئىستېمالچىلىرىنىڭ كارتا سۈرتۈشتىن كودنى سىكاننېرلاشتەك چىقىم قىلىش شەكلىگە ئۆزگىرىش قىزغىنلىقى يېتەرلىك ئەمەس».

  بۇ دوكلاتنىڭ مەقسىتى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پۈتكۈل يەر شارى پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش بولۇپ، دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇلۇت ھېسابلاش، خېرىدارلارغا يۈزلەنگەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە «چوڭ سانلىق مەلۇمات» ئارقىلىق خېرىدارلارنى تەھلىل قىلىش بولسا كەلگۈسىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پەرقلىق رىقابىتىدىكى ئۈچ چوڭ ھالقىلىق ئىقتىدارى. ھالبۇكى، بۇ ئۈچ چوڭ ساھەدە، ئەنئەنىۋى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئامازون، گوگۇل قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى پەن- تېخنىكا ماگناتلىرى تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە.

  دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسىدىكى يېڭى تىپتىكى پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيە سىستېمىدا، چوڭ تىپتىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى تەدرىجىي ھالدا بەزى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن، بانكا ۋە سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ چوڭ تىپتىكى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغان تايىنىشى ئۈزلۈكسىز ئاشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر