باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بوۋاقلار ئۇپىسى راك پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن چياڭشېڭ 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق تۆلەم تۆلىدى

2017.08.24 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق بىر ئايال چياڭشېڭ شىركىتىنىڭ تەركىبىدە تالك پاراشوكى بولغان بوۋاقلار ئۇپسىنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. 21-ئاۋغۇست كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس-ئانژېلىس شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى چياڭشېڭ شىركىتىنىڭ بۇ ئايالغا 417 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 2 مىليارد 780 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) سوممىسىدىكى تۆلەم بېرىشنى كېسىم قىلدى.

  بۇ ئايالنىڭ ئىسمى ئېۋا ئېچېۋېرىيا بولۇپ، بۇ يىل 63 ياشتا. زاسداتېللار ئۆمىكى ئۇنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى چياڭشېڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بىلەن ھەقىقەتەن باغلىنىشلىقى بار دەپ قاراپ، چياڭشېڭ شىركىتىنى 70 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم پۇلى ۋە 347 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم بېرىشنى كېسىم قىلدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قاراشلىق خەلقئارا راك كېسىلى تەتقىقات ئاپپاراتى تالك پاراشوكى تۈردىكىلەرنى «ئادەم بەدىنىدە راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولغان» ماددا دەپ قارىغان، تالك پاراشوكى بىر خىل تەبىئىي ھاسىل بولىدىغان ماددا بولۇپ، تۇپراق قەۋىتىدىكى ماگنىي، كرېمنىي، ئوكسىگېن ۋە ھىدروگېن قاتارلىق ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ نەملىكنى سۈمۈرۈش، كاللەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەھسۇلات سۈپىتىنى ياخشىلاش رولى بولغانلىقتىن، گىرىم بۇيۇملىرى ۋە شەخسىي پەرۋىش بۇيۇملىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر